تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ يىغىندا سۇنىدىغان تەكلىپنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات مەزگىلىدە يولۇققان مەسىلىلەر ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەشنى باشلىۋەتتى.
بۇ يىل يۈ چېڭجۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغىنىغا يەتتە يىل بولدى. كارخانا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىقتىسادىي ساھەگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى: تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ھوقۇقىنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىش تەكلىپى بېرىش، كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش... ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە تولۇق نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇرۇپ، 10دىن ئارتۇق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئاساسلىق شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىمنى چىقىش قىلىپ، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنى بېيىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» يۈ چېڭجۇڭنىڭ نەزەرىدە، سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭنىڭ خىزمەت ئۈستىدىكى سۈرىتى. سۈرەتنى جىنيى گۇرۇھى تەمىنلىگەن
قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاق مۇددەت ياردەم بەردى، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ مېۋە سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، ئېھتىياجلىق جايلارغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى... يۈ چېڭجۇڭ بىر تەرەپتىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كارخانىنىڭ داغدام قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىشىگە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن، تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى.
24 يىلدىن بۇيان، ئەينى چاغدىكى نوقۇل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت كەسپى تىجارىتىدىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، جىنيى گۇرۇھى يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق بازىسى، سېتىۋېلىش-توشۇش، ئامباردا ساقلاش-ئەشيا ئوبوروتى، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس، مەدەنىيەت ساياھىتى، خاس مېۋە-كۆكتات تېرىش بازىسى ساياھىتى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى قوشۇمچە قىلغان كەسىپلەشكەن گۇرۇھ شىركەتكە ئايلاندى. 2023-يىلى، جىنيى گۇرۇھىنىڭ ئېكسپورت سودا سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
2024- يىلى، جىنيى گۇرۇھى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە كۆلىمى 2000 مو كېلىدىغان مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك يىغىش-تارقىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيە بازىرىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. «بىز <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقئارا سودا مۇلازىمىتى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز.» يۈ چېڭجۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گۇرۇھنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، باشقا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەپتۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل ئۇ «خاس يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» ۋە «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش»تىن ئىبارەت ئىككى پارچە تەكلىپنى تەييارلاپتۇ.
ئۇ مۇنداق قارىدى: يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى كۆپ بولماسلىق، كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت. بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋاسىتە، سۈپەت ئۈنۈمىنى نىشان قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە داڭلىق ماركا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن بىرتۇتاش پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى، ئەمما تەكشى بولمىدى، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەب بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، ئىدىيەۋى قاراشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىمىدى، بازار ئېچىش ئارزۇسى يېتەرلىك ئەمەس، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قارىشى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، شۇنداقلا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى. ئۇ مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلار ئۈچۈن ئېنېرگىيەنى ساقلاش، ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىش- ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە ئەتراپلىق تەكلىپ سۇندى.
«پۇقراۋى كارخانىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، پائال قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ كارخانىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىشى كېرەك.» يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت تەرەققىيات سودا پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بىرلىكتە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.
يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جىنيى گۇرۇھىنى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا تەرەققىياتى بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرىمىز.