تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى گۈل-گىياھ بازىرى قىزىپ كەتتى

图片
   
  1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھىرى سىيۈەن گۈل-گىياھ بازىرىدا، كېپىنەكسىمان خۇديېلەن، كاككۇكگۈل، كەترەن گۈلى قاتارلىق گۈل-گىياھلارنىڭ بەس-بەستە ئېچىلغانلىقىنى، ئەتلىك ئۆسۈملۈكلەر، فۇگۈي بامبۇكى، لۈيلو، فاسەيشۇ قاتارلىق تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسكەنلىكىنى، ھەممە يەرنى كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان گۈل ھىدى قاپلىغانلىقىنى، نۇرغۇن خېرىدارنىڭ بۇ يەردە ئىنچىكىلىك بىلەن گۈل تاللاۋاتقانلىقىنى كۆردى. (قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ يۆجياۋ، جوۋ شياۋبىڭ)
    خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان خوتەن بېيمۇ گۈل-گىياھلار بازىرى سودا جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن دۇكاندارلار بەخت-سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان باھار بايرىمىلىق گۈللەرنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تىزدى، خۇديېلەن، توشقانگۈل، كاككۇك گۈلى، گۈلسامساق قاتارلىق ھەر خىل رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەر نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى گۈل سېتىۋېلىش، گۈل سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ شۇخۇا، ساۋ تىڭ)

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدا گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى گۈل-گىياھ بازارلىرىغا كېلىپ گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالدى، شۇ جايدىكى گۈل-گىياھ بازارلىرى سېتىپ چىقىرىشنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى. جاڭ شيۇكې فوتوسى

   1-ئاينىڭ 24-كۈنى، كورلا شەھىرى خۇالىڭ گۈل-گىياھ توپ تارقىتىش بازىرىدا، نەچچە يۈز خىل گۈل ـ گىياھ بەس ـ بەستە ئېچىلغانىدى، پارنىكتا گۈل-گىياھلار پورەكلەپ يېشىللىققا پۈركەنگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى، چىرايلىق خۇديېلەن، كۆڭۈلدىكىدەك گۈزەللىككە سىمۋول قىلىنغان چاڭشوۋجۈ، ساپ ۋە نەپىس كاككۇكگۈل قاتارلىقلار گۈل دۇكىنىنىڭ ئالدىغا گىرەلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان بولۇپ، گۈل سېتىۋالغىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردىن ئۆتۈپ، باھار بايرىمىلىق گۈللەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ سېتىۋالدى. (كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ۋاڭ خۇڭشياڭ، ليۇ چيەنلىن)

   1-ئاينىڭ 26-كۈنى، چۆچەك شەھىرى گۈل ـ گىياھ، قۇش، بېلىق، ھاشارات بازىرىدا ھەرخىل سورتتىكى تەشتەكلىك باھار بايرىمىلىق گۈللەر دۇكاننىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىغا قويۇلغان بولۇپ، قويۇق باھار بايرىمى تۈسىگە كىرگەنىدى. (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ پېيچى، ۋاڭ ياجۈن، پىراكتىكانت جاڭ يى)
   ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، كىشىلەر ھەر خىل گۈل-گىياھلار بىلەن ئۆيلىرىنى بېزەپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ گۈل-گىياھ بازىرى گۈل سېتىشنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى، «باھار بايرىمى كەيپىياتى» بارغانسېرى قويۇقلاشتى، نۇرغۇن ئامما گۈل-گىياھ بازىرىغا كېلىپ گۈل سېتىۋېلىپ، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. (قورغاس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى فۇ جوۋمىن، زۇلخۇمار)
پايدىلانغان مەنبە: «ئانار بۇلۇت»
مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.