تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر | باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا سودا سارايلار، تاللا بازارلىرىدا ئېتىبارلار كۆپ

  باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، قويۇق، رەڭدار بايرام كەيپىياتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا-ساراي، تاللا بازارلىرى «يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش 2024 <ئەجدىھا>نىڭ(داغدۇغىلىق) مەيدانغا چىقىشى» يۈرۈشلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئەيجيا تاللا بازىرى (نەنخۇ دۇكىنى)دا، شەھەر ئاھالىلىرى تاۋارلارنى سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەيجيا تاللا بازىرى (نەنخۇ دۇكىنى) باھار بايرىمىلىق مال سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، كۆپ خىل تاۋارلار سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەت باھاسى بويىچە تەڭشەلدى.

مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، چىيى جياڭيۈەن ئۇنىۋېرسال مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، شەھەر ئاھالىلىرى قۇرۇق مېۋىلەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يوۋخاۋ شەھەر ئاۋلەي سودا سارىيىدىكى دۇكانلار تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

مۇخبىر مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى (لىيۈشەن يولى دۇكىنى)دا شەھەر ئاھالىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتتا تاللا بازارلىرىنى ئايلىنىپ، باھار بايرىمىلىق ماللارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر دىلنار جارقىن، پىراكتىكانت مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى (لىيۈشەن يولى دۇكىنى)دا شەھەر ئاھالىلىرى يېڭى يىللىق قىزىل بولاق سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر دىلنار جارقىن، پىراكتىكانت مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى (لىيۈشەن يولى دۇكىنى)دا شەھەر ئاھالىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتتا تاللا بازارلىرىنى ئايلىنىپ، باھار بايرىمىلىق ماللارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

مۇخبىر دىلنار جارقىن، پىراكتىكانت مۇخبىر لېي تىڭ فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.