تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئەجدىھا ئۇسسۇلى، ئات بەيگىسى، گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇش ... باھار بايرىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق نادىر ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا. ليۇ جيەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. ليۇ جيەن فوتوسى

   1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇشىياڭ كوچا باشقارمىسى شاچېڭ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى بىرلىكتە «گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇپ، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇش ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەھەللە كادىرلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىپ، يېتىپ كېلىۋاتقان باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى بالىلار بىلەن بىرلىكتە گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكتە. لەن لىڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەھەللە كادىرى بالىلار بىلەن بىرلىكتە گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكتە. لەن لىڭ فوتوسى 

​1-ئاينىڭ 25-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى مەركەزلىك نامايان قىلىش پائالىيىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول بازىرىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. لوپ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)لىرىدىن كەلگەن 21 ۋەكىللەر كوماندىسى بەس-بەستە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى بەردى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئەجدىھا ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.