ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئەستايىدىل كېڭىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ ھازىرقى ئەزاسى 527 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 30 ساھە ئايرىمىسى تەسىس قىلىنغان، 6 دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھ ۋە 8 خەلق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە باشقا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس زاتلار 268 نەپەر بولۇپ، %50.85نى؛ ئاز سانلىق مىللەت ئەزا 244 نەپەر بولۇپ، %46.30نى، ئايال ئەزا 136 نەپەر بولۇپ، %25.81نى ئىگىلەيدۇ.