تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنى تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلارنى سىرتتىن ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋەر قىلىدۇ(مۇخبىر گو چيەن خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمايىل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.

  باياناتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىكەن، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن بولىدىكەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىكەن، يىغىن ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈن بولىدىكەن.

图片

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئالاقىدار دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن مەزگىلىدە يەنە داۋاملىق ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېچىلىدىكەن.

  خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، گۇاڭمىڭ گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى قاتارلىق مەركەزدىكى سەككىز ئاخبارات ۋاسىتىسى، شىنجاڭ گېزىتى\ئانار بۇلۇت، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاسىيا كىندىكى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسى، نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى، فېڭخۇاڭ تېلېۋىزىيەسى، ئاۋمېن گېزىتى قاتارلىق شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئون ئاخبارات ۋاسىتىسى، تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە ئانتارا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سىنگاپور دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى، قازاقىستان ئاگېنتلىقى قاتارلىق تۆت چەت ئەل تاراتقۇسى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ جەمئىي 88 مۇخبىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم نەق مەيداندا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقاتتى.

图片

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن تور ئاخبارات مەركىزى ئارقىلىق «سۈرەت-يېزىق + سىن» ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، سىلۇ ئۈن-سىن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش»نىڭ ئىككى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەرلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى.

  ئىككى يىغىن ئاخبارات ئېلان قىلىشى دۆلىتىمىز ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشتىن پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دۆلەت ئوبرازىنى يارىتىش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ سىياسىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.