1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا، ئاخبارات باياناتچىسى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى