تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىل، ئەزالارنىڭ سالاپىتى|جارقىنبېك: «15+1» باركۆل داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

   

   «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئېغىر، دەپ قارايمەن، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياخشى تەكلىپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا تاپشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشۇشۇم كېرەك». جارقىنبېك قۇدايگېن باركۆل ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق 12-، 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

   جارقىنبېك ئالدىنقى مەزگىلدە يېزىلارغا بېرىپ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش جەريانىدا، باركۆل ناھىيە بازىرىغا بىرقەدەر يىراق يېزا-بازارلاردىكى پۇقرالارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنالمايدىغانلىقىنى بايقاپ، باركۆل ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2022-يىلى 1-ئايدا ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. 2023-يىلى، باركۆل ناھىيەسىنىڭ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، باركۆل ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى، 15 يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىنى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى شۆبە دوختۇرخانىسى قىلىپ قۇرۇشقا ئالاقىدار مېخانىزم ئورنىتىلدى ھەم 28 كەسىپ تايانچىسى يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلارغا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ياردەملىشىپ قەرەللىك كېسەلخانا تەكشۈرۈش، كېسەل كۆرۈشكە ئەۋەتىلىپ، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىك مىساللىرىنى ھەل قىلىش لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىندى.

  (باركۆل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لو جىڭ)

ئانار بۇلۇتتىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.