تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزدۇق! بۇ پەيتتە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئىللىقلىققا تولدى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن كىچىك دوستلار تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئېيتماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، بالىلار مەززىلىك تۇغۇلغان كۈن تورتى يەپ، تىلەك تىلەپ، شار ئوينىدى. ئەسلىدە بۇ يەردە يېقىندا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بالىلارنىڭ ئۆزگىچە تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

شۇ كۈنى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش 3-كۈنىگە قەدەم قويدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىدە، شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، پىدائىيلار ۋە يۇرتداشلار ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يېقىندا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بالىلارغا ئۆزگىچە تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېھرىبان زاتلارنىڭ بالىلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، بالىلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى. «تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن كىچىك دوستلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلەك تىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزۈممۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ بالدۇرراق ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلىدىم.» دېدى ئون ياشلىق پەزىلىيە ئەيسا.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىكىنى تىلىمەكتە.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن كىچىك دوستلار پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە تورت كەسمەكتە.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كىچىك دوستلار تورت يېمەكتە.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر كىچىك دوست تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدىكى تورتنى كۆرسەتمەكتە.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر كىچىك دوست تۇغۇلغان كۈن تورتىدىن بوۋىسى بىلەن بىللە بەھرىمەن بولماقتا.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر كىچىك دوست شار  ئوينىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.