تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ مەھەللىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كەيپىيات تۇيغۇسى قويۇق بولدى

​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) «بۇ دېرىزە قىيىق گۈلى يۇقىرىراق چاپلانسا چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن». 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قۇربان رىشات خوتۇنى ھۆرنىساگۈل ئاۋۇت بىلەن بىرلىكتە دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلاپ ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىنى بېزىدى.

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قۇربان رىشات خوتۇنى ھۆرنىساگۈل ئاۋۇت بىلەن بىرلىكتە دېرىزە قىيىق گۈللىرىنى چاپلاپ مېھمانخانا ئۆيىنى بېزىمەكتە.

ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسى قىزىشقا باشلىدى، ئۆيلەرگە باھار بايرىمىلىق چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، بالىلار خۇشال ئويناۋاتاتتى، ھەر بىر كىشىنىڭ چېھرىدە خۇشال كۈلكە جىلۋىلىنەتتى، كوچىلار قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولغانىدى.

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىچىك دوستلار پانۇس كۆتۈرۈپ، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسى كوچىسىدا يۈگۈرۈپ، سەكرىشىپ ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالماقتا.

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر بىرلىكتە پانۇس ئېسىپ، «福» خېتى چاپلاپ، ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالماقتا.

قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما تىڭ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، ھەرقايسى مەھەللىلەر يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى «كەنت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئۆزى تەييارلىغان، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان، ئۆزى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، تىنچ-بەختلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان گۈزەل كارتىنىنى نامايان قىلىدۇ».

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قۇربان رىشاتنىڭ ئۆيىدە، كىچىك دوستلار شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.