تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۆيىگە قايتىپ خوگو يېيىش! ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئامما ئارقا-ئارقىدىن كۈندىلىك نورمال تۇرمۇشقا قايتتى

    1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىدە، باقىتنۇر قۇرمانبېك ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، بىر ياشلىق بالىسى كارتون فىلىم كۆرۈۋاتاتتى، ئۇلار قوي باققىلى چىقىپ كەتكەن ئېرى قايتىپ كەلگەندە، خوگو يېمەكچى بولغانىدى.
    باقىتنۇر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاقچى ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆيى مەسىلە يوق دەپ باھالاندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆيىگە قايتىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈردى.
    ئۇ تۇرۇۋاتقان كەنتتە جەمئىي 333 ئائىلە، 1251 كىشى بار بولۇپ، 94 ئائىلىنىڭ ئۆيى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يۆتكەپ بېرىلغانىدى، تۇرالغۇ ئۆي تارماقلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە باھالىشىدىن كېيىن، 71 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۆيلىرىگە قايتتى، ھازىر، يەنە 23 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

    مۇخبىرلار: ۋاڭ چىمىڭ، خۇ يۈن
    نازارەتچى: شۆ جىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.