تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدۇ؟

   ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 8:00گىچە، جەمئىي 4216 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 3.0 بالدىن تۆۋەن يەر تەۋرەش 4067 قېتىم، 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش 149 قېتىم.  شىنجاڭدا يۈزبەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە نېمە ئۈچۈن قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدۇ؟

   جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى گېئوفىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى گاۋ مېڭتەن مۇنداق دېدى: تارىختا بۇ رايوندا يەر تەۋرەشنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان. بەلكىم تارىم يەر بۆلىكى بىلەن تىيانشان يەر بۆلىكىنىڭ كۈچلۈك قىسىلىشى ھەمدە مۇرەككەپ تەتۈر ئۈزۈلمە سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن تارىخىي يەر تەۋرەش مىساللىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قالدۇق يەر تەۋرەش سانى ئاساسىي يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تەۋرەش دەرىجىسى قانچە چوڭ بولسا، قالدۇق يەر تەۋرەش سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بىز ھېس قىلغان قالدۇق يەر تەۋرەش سانى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىككى بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش سانى ئۈچ بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە، بىر بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش سانى ئۈچ بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش سانىنىڭ 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، تەۋرەش دەرىجىسى تېخىمۇ كىچىك بولغان قالدۇق يەر تەۋرەشنى خاتىرىلىگىلى بولىدۇ، بىز بىلىدىغان قالدۇق يەر تەۋرەش سانى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. يەتتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشكە نىسبەتەن، قالدۇق يەر تەۋرەش ئادەتتە بىر ئايدىن بىر نەچچە ئايغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، لېكىن پات - پات يۈزبېرىش دەرىجىسى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ. تەۋرەش دەرىجىسى ناھايىتى كىچىك بولغان قالدۇق يەر تەۋرەش ئاپەت پەيدا قىلمايدۇ، كىشىلەر ئاساسەن ھېس قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.