1-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردىلا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى سەيدىخان كەنتىدىكى پارنىك بازىسىدا، ياپيېشىل جۈسەيلەر تازا ياخشى ئۆسكەن بولۇپ، جۈسەينىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەيدىخان كەنتى رايون ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل كۈچ قوشۇپ، «كىچىك جۈسەي»نى «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ ۋېنجۈەن)
كەنت ئاھالىلىرى جۈسەي ئورۇماقتا.
كەنت ئاھالىسى ئېتىزدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، جۇسەيلەرنى سىنغا تارتىپ دوستلىرىغا كۆكتاتتىن ھوسۇل ئېلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھەمبەھىرلىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى