ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
1- ئاينىڭ 20- كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا، بالىلار كەسپىي پۇتبول تىرېنېرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، پاس بېرىش، ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش، توپنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋاتاتتى. تىرېنېرلار ئەترىتى بالىلارنىڭ يېشى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن خاسلاشتۇرۇلغان ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈپ، ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان مەشىققە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
(پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پەخرىنۇر تۇرسۇن، ئايگۈل ئابدۇۋەلى)
سىن كۆرۈنۈشى مەنبەسى: پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى