تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نېمىدېگەن ئىللىق! ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرىگەن رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭرىدى

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   

   1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتى 3- كۈنىگە قەدەم قويدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىدە شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ۋە يۇرتداشلار ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يېقىندا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بالىلارغا ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ بالىلارغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى يەتكۈزۈپ، بالىلاردا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇردى.

مۇخبىرلار: يىن تۇڭيۈەن، ليۇ يى، شۈ چەنيۈەن
نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ، يۈ لېي

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.