قىش كىرگەندىن بۇيان، قار-مۇز ساياھىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. نۇرغۇن جايلار قىشلىق ساياھەتتىكى ئالاھىدىكلىرىنى قېزىپ، قار-مۇز + «مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت»نىڭ يۇغۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قاراماي رايونىنىڭ 16-نۆۋەتلىك «قىش پەسلىدە ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇش قار-مۇزغا قاراپ ئاتلىنىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ۋە 2024-يىللىق قاراماي رايونى ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن 60 ئوقۇغۇچى تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۈستۈنلۈكنى تالاشتى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قاراماي شەھىرى لۇڭشەن قار تېيىلىش مەيدانىدا، كىچىك ماھىرلار قار تېيىلىش تاختىسىنى دەسسەپ قار يولىدا قايناق ھېسسىيات بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە، قۇياش نۇرىدا، ئۇلارنىڭ سايىسى قار يولىدا ئەكس ئېتىپ، خۇددى كۆلەڭگە قوغلاشقۇچىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.
مىن يۇڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شىگوبى بازىرىدا يايلاق قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى، ئات بەيگىسى، قىزقۇۋار، ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش قاتارلىق تۈرلەر ئات ئۈستىدىكى «سۈرئەت ۋە ھېسسىيات»نى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى قار-مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى.
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىسى «بىر چەينەك ئەتكەن چاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا.
لەن لىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى «قار-مۇزدىكى ئاجايىپ رىشتە» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا.
لەن لىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قالتىس ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
لەن لىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
لەن لىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسى موگۇخۇ كەنتى «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» مەدەنىيەت-تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەت قار-مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، قىزقۇۋار، ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش، ئوغلاق تارتىشىش، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق دېھقان-چارۋىچىلار خاس تۈرلىرى ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ خاس خەلق ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسى موگۇخۇ كەنتىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» مەدەنىيەت-تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە نومۇر ئورۇنلىماقتا.
چىن شۆ فوتوسى
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇڭگۈر كۆلىدىكى مۇز ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۈتۈن ناھىيەدىن كەلگەن تۆت ۋەكىللەر كوماندىسىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، مۇسابىقىدە كوماندا ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن، ناخشا ئېيتىپ، دۇمباق چېلىپ، كۈچەپ «پالاق» ئۇرۇپ، مەيداننى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتىۋەتتى.
1-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى مۇز يۈزىدە ئۆتكۈزۈلدى، كوماندا ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، رىتىمىنى ساقلاش بىلەن بىللە «پالاق»نى كۈچەپ ئۇردى.
ئارداق بېيىسقان فوتوسى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى قار-مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، قار-مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى قىشلىق ساياھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، قار-مۇز + «مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى.
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرە بايرىمى ۋۇگۇڭتەي بازىرىدىكى بەيچۇەنخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. نەق مەيداندىكى كوچا ئويۇنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى قار-مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، قار-مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرە بايرىمى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرە بايرىمى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى