تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى ▕جاۋ لى: رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئىشىكى»نى ئېچىش

   «شىنجاڭ تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش» «رەقەملىك كۈچ قوشۇش ئارقىلىق شىنجاڭ تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنىڭ قىممىتىنى قېزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش»... 2023-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاۋ لى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تېزلا كىرىشىپ كەتتى، مەيلى قانداق سورۇندا بولسۇن، پەقەت سۆز قىلىش ياكى تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتى بولۇپ قالسىلا، ئۇ تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇراجىئەت قىلدى.

جاۋ لى قىزىل مىڭئۆيدە.   سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

     جاۋلى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى. 1992-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ قىزىل مىڭئۆي تەتقىقاتىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھەش-پەش دېگۈچە 30 نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.

    جاۋ لى تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىغا بۆلەكچىلا مەپتۇن بولۇپ قالدى، شۇنداقلا نۇرغۇن مېھىر-مۇھەببىتىنى سىڭدۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ نۇرغۇن چوڭ-كىچىك تاش ئۆڭكۈرلەرگە بېرىپ، شىنجاڭدىكى تاش ئۆڭكۈرلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تاش ئۆڭكۈرلەرنى قوغداش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى بايقىدى.

    تاش ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسى چەت تاغ جىلغىلىرىغا جايلاشقان. «چوڭ تاش ئۆڭكۈرلەر توپىدا ئادەتتە خىزمەت پونكىتى بار بولۇپ، ئۇ يەرنى قوغدايدىغان خىزمەتچى خادىملار بار. لېكىن ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تاش ئۆڭكۈرلەرنى قوغداش-ئاسراش بىرقەدەر قىيىن بولۇۋاتىدۇ.» جاۋ لى مۇنداق دېدى: مەسىلەن: كۈسەن تاش ئۆڭكۈرلىرىدىكى نۇرغۇن كىچىك تىپتىكى تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىلىرى چەت، يىراق جايغا جايلاشقان بولغاچقا، پونكىت قۇرۇش شارائىتى يوق، پەقەت تەكلىپ قىلىنغان قوغداش خادىملىرى كۈندە بىرەر قېتىم بېرىپ قاراپ قويىدۇ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايۋاتىدۇ.

      بۇلتۇر، جاۋ لى كۈسەن مىڭۆيلىرىنى ئايلىنىپ چىقتى، يەنە 11-ئايدا مەخسۇس تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، بېزەكلىك مىڭۆيى ۋە تۇيۇق تاش ئۆڭكۈرلىرىدە يېرىم ئاي تۇردى. بۇ يېرىم ئاي جەريانىدا، جاۋ لى ئوتتۇرا تىپتىكى تۇيۇق تاش ئۆڭكۈرىنى قوغداش ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بايقىدى.

     «شۇڭا مەن ھازىر رەقەملەشتۈرۈپ قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىمەن، رەقەملەشتۈرۈلگەن تەسۋىر ئارقىلىق، ئالدى بىلەن تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇچۇرلارنى توپلاش كېرەك، بۇ، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىغا بىر كوپىيە قىلىپ بەرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ماتېرىياللارنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.» جاۋ لى مۇنداق دېدى: يەنە رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق، رەقەم شەكلى بىلەن، ئەينى چاغدىكى ئۆڭكۈرنىڭ كاتتا مەنزىرىسىنى ۋە تام رەسىملىرىنى ئەسلىي قىياپىتىگە كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تاش ئۆڭكۈرنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىكلەرنىڭ چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئىشىكى»نى ئېچىپ بېرىش كېرەك.

     «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى» مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىدا، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ زۆرۈر ئامىل بەلگىسىنى قېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش» ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ «ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، جاۋ لى دائىم بۇ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    «بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ <قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش> تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى ساھەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جاۋ لى. پەن-تېخنىكا + ئارخېئولوگىيە، پەن-تېخنىكا + مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا + سەنئەت ئارقىلىق، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

     بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىن»ىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جاۋ لى يەنىلا نەزەرىنى شىنجاڭ تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قاراتتى ھەم ئالاقىدار تەكلىپلەرنى بەردى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا چېپىپ يۈرۈشى ھەم مۇراجىئىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئىدى.

​    «بۇ مۇراجىئەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.» جاۋ لى مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۈسەن تاش ئۆڭكۈر رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، توپا قۇرۇلۇشىنىڭ قىسمەن تۈرلىرىدىن ئۈمىد بار. «كۆپچىلىك تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەندىلا، تاش ئۆڭكۈرلەرنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ».

   «تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش تارتىپ بولمايدىغان، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى جاۋ لى قەتئىيلىك بىلەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.