تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نەق مەيدان خەۋىرى | ئامانگۈل توختى: بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، «ياق» دېيىشكە ئاساسىمىز يوق

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، بىر كېچە كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئامانگۈل توختى بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

   ئامانگۈل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنتىنىڭ دوختۇرى، شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، كەنتتىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىندى. كەنت دوختۇرى بولغان ئالتە يىلدا، ئامانگۈل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندى، لېكىن تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يەر تەۋرەش يەنە ئۇنىڭ خىزمەت بېسىمىنى خېلىلا ئاشۇرۇۋەتتى.

    «كەنت ئاھالىلىرى مەركەزلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەندە، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ». ئامانگۈلنىڭ دېيىشىچە: بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاساس كېسىلى بار ياشانغانلار ئۇنىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.

     ئىشقا چۈشۈپلا، ئامانگۈل قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ، تىڭشىغۇچ تاقاپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتا دائىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. كەنتنىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ائامانگۈل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم قاراتمىلىق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامانگۈل توختى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلماقتا.   ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى

    مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قۇربان توقسۇن يېقىندا ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان، تېخى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەپلىك يەنە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئامانگۈل ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئىلمىي تەكلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەردى.

   «دوختۇر ماڭا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇزاق يېتىۋالماسلىقىنى ئېيتتى». قۇربان مۇنداق دېدى: گەرچە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى تۇرمۇشىمىز ئۆيدىكىدەك قولايلىق بولمىسىمۇ، لېكىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشىمىز بۇرۇنقىدىن قولايلىق بولۇپ كەتتى، ئامانگۈلنىڭ ھالىمدىن كۆڭۈل بۆلۈشىدە، سالامەتلىكىم چوقۇم تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.

    ئاممىۋى تازىلىقمۇ ئامانگۈلنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى. ھازىر قىش پەسلى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ئامانگۈل ساقلىقنى ساقلاش خادىمى بولۇپ، ئاممىۋى مۇھىتنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تۇرمۇش رايونىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر بىر كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى.

    بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىق خىزمىتىگە ئەزەلدىن سەل قارالمىدى. نۆۋەتتە، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا ياردەم بەرگەندىن سىرت، سەھىيە-يۇقۇم مۇداپىئەسى، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ساغلاملىق تەشۋىق-تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇردى، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت دوختۇرلىرىنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ھەرگىزمۇ يېنىك ئەمەس.

     «بولۇپمۇ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ». ئامانگۈل مۇنداق دېدى: ئايرىم ساندىكى كەنت ئاھالىلىرى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆيىگە قايتىپ تۇرمۇش كەچۈرەلمىگەچكە كەيپىياتى ئاسانلا ناچارلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا يېتەكلەش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    «ئۇ ھەمىشە بىزگە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ دوختۇرىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە بىزگە ئوخشاش يەر تەۋرەش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەن». ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان نەبىجان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئامانگۈلنىڭ ئۆيىمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، بىزمۇ قىيىنچىلىقنى چوقۇم يېڭەلەيمىز.

    ئاكتىپ كۈچنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بەزىدە بىر-بىرىگە بولغان ئورتاق ھېسسىياتقا باغلىق بولىدۇ، ئامانگۈل ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قوللىدى، ئۇنىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىشى قوللىدى.

   «بىز يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، دورا يېتەرلىك، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، بىزنىڭ <ياق> دېيىشكە ئاساسىمىز يوق». مانا بۇ ئامانگۈلنىڭ يېقىندىن بۇيان دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆزى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.