تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپەت رايونىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت

    2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتتى:

    1. يېمەكلىكلەرنىڭ باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت ۋە باشقا ھاشارات، خىمىيەلىك بۇيۇم قاتارلىقلار بىلەن بۇلغىنىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش؛ خام گۆش، ئۆي قۇشلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى باشقا يېمەكلىكلەردىن ئايرىۋېتىش؛ ئاش تۇزىغا ئارىلاشما ماددىلارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش؛ تاماقنى تولۇق پىشۇرۇش، پىشۇرغان ھامان يەۋىتىش.

    2. يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك: يەنى سۇدا قالغان يېمەكلىكلەر؛ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى؛ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قېلىپ سېسىپ قالغان كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار؛ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، ئېنىق يېمەكلىك بەلگىسى بولمىغان يېمەكلىكلەر؛ قۇتىسى يېرىلىپ كەتكەن ۋە كۆپۈپ كەتكەن كونسېرۋا قۇتىلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك؛ ئېغىر دەرىجىدە كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچ، بۇغداي قاتارلىقلار؛ تۈرىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان موگۇ ۋە باشقا كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر؛ پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن نورمال تېمپېراتۇرىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان پىششىق يېمەكلىكلەر؛ غەلىتە پۇراپ قالغان يېمەكلىكلەر؛ سوغۇق سەي. ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يېمەسلىك.

     3. تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن خام ماتېرىيالنى پاكىز سۇدا پاكىز يۇيۇش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى بۇلغانغان سۇدا يۇيماسلىق؛ يەپ ئېشىپ قالغان ياكى ئوراپ قاچىلانمىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا، چاشقان، چىۋىن، ھاشاراتتىن ساقلاش؛ ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئامال بار يېمەكلىكنى قولدا بىۋاسىتە تۇتۇپ يېيىشتىن ساقلىنىش. يەپ ئېشىپ قالغان ياكى ئوراپ قاچىلانمىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا، چاشقان، چىۋىن، ھاشاراتتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش.

     4. قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۇيۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى فىزىكىلىق ھورداش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ياكى دورا بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش.  پاكىز سۇ يېتەرلىك بولماي، يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلغىلى بولمىغاندا، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قېتىملىق قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىش، ئىمكانقەدەر مەخسۇس ئادەم مەخسۇس قاچا-قۇچا ئىشلىتىش.

     5. يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشقانلار ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەل ياكى كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار بايقالسا، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك بىلەن ئۇچرىشىش خىزمىتىنى دەرھال توختىتىش ھەمدە ئايرىۋېتىش، داۋالاش.

      ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم:

    1. يەر تەۋرەش شەھەر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىشى، يېزا سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، سۇ سۈپىتىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىگەندە، شارائىت يار بەرسە ئىمكانقەدەر مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ئورالمىلىق ئىچىدىغان سۇنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش؛ ئەگەر تۇرۇبا سۈيى ياكى قۇدۇق سۈيى ئىچىشكە توغرا كەلسە، سۇنى 10 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ۋاراقشىتىپ قاينىتىپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئىچىش، قاينىتىلمىغان سۇ ئىچىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. 

    2. ئىچىدىغان سۇ تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ياكى يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان دەپ گۇمان قىلىنغان سۇنى خلوردىن ياسالغان دورا قاتارلىق دورىلار بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچىدىغان سۇ سۈپتىدە ئىشلىتىش؛ سۇ ساقلاش كۆلچىكى، سۇ ساقلاش ئىدىشى، سۇ ساقلاش چېلىكى قاتارلىقلاردا ساقلانغان سۇنى بىردەك دېزىنفېكسىيە قىلىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئىچىش؛ ئىچىدىغان سۇنى قاچىلاپ توشۇشقا ئىشلىتىلگەن ئەسۋابنى پاكىز يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشلىتىش؛ زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بىلەن بۇلغانغان ياكى بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئوزۇقلۇق كاپالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك:

    1. سۇ قاتارلىق ئىچىملىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش. ھەر بىر ئادەم كۈنىگە ئاز دېگەندە 1500 مىللىلىتىر بولۇش(تەخمىنەن 2 ~ 3 بوتۇلكا، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى بىر بوتۇلكا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى).

    2. ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش. مەسىلەن: ھەر كۈنى مىفەن ياكى تەييار چۆپ(ئۈچ قاچا)، پىرەنىك ئىككى بولاق(100g/بولاق)، خوتۈيچاڭ ئىككى تال(40g/تال)، چىلىغان سەي(80g/بولاق)نى كۆپرەك يېيىش. باشقا ئورالمىلىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، پىرىسلاپ پىششىقلىغان گۆش، بېلىق گۆشى كونسېرۋاسى، لۇدەن، سۈت قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش.

     3. سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە دىققەت قىلىش، چۈشەندۈرۈش بويىچە بىرىكمە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تابلېتى ئىچىش.

    ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئامما ئەگەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى بايقىسا، ۋاقتىدا 12315كە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.