تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى يىل . يېڭى باھار ③|باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا كوچا-كويلار باھار بايرىمىلىق بېزەكلەر بىلەن بېزەلدى

    باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلىپ، بايرام كەيپىياتى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، ھەممە يەر خۇشال، ئىناق كەيپىياتقا چۆمۈلدى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى پانۇسلار ئېسىلغان يەر ئاستى يولىدىن ئۆتمەكتە.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلماقتا.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى سانجى شەھىرىنىڭ چۆچەك يولىدىكى بەلباغسىمان باغچىدا باش تېمىلىق گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلماقتا. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سانجى شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان ئەجدىھا يىلىدىكى گۈللۈك پانۇسلار باغچە، كوچىلاردا نامايان قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. سانجى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈللۈك پانۇسلىرىنىڭ باش تېمىسى «ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى ئېقىمدىكى دۆلەت ئۇسلۇبىنى يارىتىش» بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەر رايونىدىكى بىنخۇ دەرياسى مەركىزىي باغچىسى، تۇلپار ئايلانمىسى، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق 16 نۇقتا ۋە تىڭجوۋ ئېكولوگىيەلىك يېشىل جىلغا باغچىسىدىكى سەككىز نۇقتىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى گۈللۈك پانۇسلار تىزىلىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال-خورام كۈتۈۋېلىشتەك قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىلدى.

ليۇ خۇا فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى سانجى شەھىرىنىڭ چۆچەك يولى بەلباغسىمان باغچە كارىدورىدىكى «گۈللەپ روناق تېپىش» باش تېمىسىدىكى گۈللۈك پانۇس ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ليۇ خۇا فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئايلانما ئورنىدىكى گۈللۈك پانۇس مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ليۇ خۇا فوتوسى

1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى شىنتارې يېزىسى شىنتارې كەنتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما كەنتكە پانۇس ئاسماقتا. پانۇسلار كەنتتىكى ھەرقايسى يوللارغا ئېسىلىپ، خۇشال، ئىناق باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلدى.

شاۋ شىلەي فوتوسى

图片

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسى.

قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئىلغارجان فوتوسى

   باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بايرام كەيپىياتى يارىتىشقا جىددىي كىرىشتى. كوچىلارغا ئېسىلغان پانۇسلار، رەڭدار بېزەكلەر پۈتكۈل مەنزىرە رايونىنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى، قويۇق بايرام كەيپىياتى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

图片

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تەسىرات كوچىسى.

قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئىلغارجان فوتوسى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خام بازىرىدا سەيلە قىلماقتا. باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلىپ، بايرام كەيپىياتى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، ھەممە يەر خۇشال، ئىناق كەيپىياتقا چۆمدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر ياشلار مېھمانخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى. 

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

جەم بولۇش ۋە بەختكە سىمۋول قىلىنغان قىزىل پانۇسلار دەرەخلەرگە ئېسىلىپ، گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. 

   بايرام يېتىپ كېلىش ئالدىدا قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى پانۇس ئېسىپ، لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەممە يەرگە خۇشاللىق تۈسى قوشۇپلا قالماي، يەنە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يېڭى يىلدىكى يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى، قىپقىزىل پانۇسلار كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ئىپادىلىدى.

قىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلىپ، چىراغا گۈزەل ھۆسىن قوشتى.

چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى لىفۇ

پايدىلىنىلغان مەنبە: تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇت، شىنخۇا تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.