تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى يىل . يېڭى باھار ①|تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئامما باھار بايرىمىلىق قىزغىن كەيپىياتقا چۆمۈلدى

    ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ قالدى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامما ئۆيلىرىگە باھار بايرىمىلىق چۇنليەن، «福» خېتى چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، ھەممە يەردە بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى، بالىلار خۇشال ئوينىشىپ، ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە خۇشال كۈلكىلەر جىلۋىلەندى...

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئاھالە بىلەن بىرلىكتە دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى 

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى، ئاھالىلەر بىرلىكتە باھار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

لەن لىڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى خۇاڭجيالياڭ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە دېرىزە قىيىق گۈلى چاپلاپ بەرمەكتە.

لەن لىڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، شەھەر ئاھالىلىرى 16-نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق ماللار كۆرگەزمىسىدە تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى لىن جىلۇ مەھەللىسىدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە «福» خېتى چاپلىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى «باھار بايرىمىنى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى يېزا-بازار، مەھەللىلەر باشقىچە ئاۋاتلىشىپ، ھەممە جاي قويۇق باھار بايرىمىلىق كەيپىياتقا چۆمۈلدى.

ۋۇ لې فوتوسى

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قۇربان رىشات خوتۇنى ھۆرنىساگۈل ئاۋۇت بىلەن بىرلىكتە دېرىزە قىيىق گۈللىرىنى چاپلاپ مېھمانخانا ئۆيىنى بېزىمەكتە.

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر بىرلىكتە پانۇس ئېسىپ، «福» خېتى چاپلاپ، ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالماقتا.

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

1-ئاينىڭ 23-كۈنى، كىچىك دوستلار پانۇس كۆتۈرۈپ، قەشقەر شەھىرى يارباغ كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسى كوچىسىدا يۈگۈرۈپ، سەكرىشىپ ئويناپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالماقتا.

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

1-ئاينىڭ 16-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ئاھالە ئىشىكى ئالدىغا پانۇس ئاسماقتا. 

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    شىنجاڭ كۈتۈپخانىسى «تىيانشاننى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش چۇنليەننى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ بەخت تىلەكلىرىنى ھەممىگە يەتكۈزدى.

پايدىلىنىلغان مەنبە: تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇت

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.