تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەشتە 129 قېتىم 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش خاتىرىلەندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 8:00گىچە، جەمئىي 2708 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش خاتىرىلەنگەن، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 1604 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3.0 بالدىن تۆۋەن يەر تەۋرەش 2579 قېتىم، 3.0 بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش 129 قېتىم: 3.9 ~ 3.0 بال يەر تەۋرەش 105 قېتىم، 4.9 ~ 4.0 بال يەر تەۋرەش 18 قېتىم، 5.9 ~ 5.0 بال يەر تەۋرەش ئالتە قېتىم بولغان، 6.0 بال ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈزبەرمىگەن. نۆۋەتتە، ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 5.7 بال بولۇپ، ئاساسىي تەۋرەش مەركىزىگە 22 كىلومېتىر كېلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.