ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 23- كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرغان. ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سەككىز چوڭ تۈر بويىچە 216 مىڭ 700 توننا تۇرمۇش ماددىي ئەشياسى زاپاس ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۈرۈچ 2217.24 توننا، ئۇن 8909.16 توننا، ياغ 862 توننا، گۆش 5609 توننا، تۇخۇم 1090 توننا، ئۆي قۇشلىرى 630 توننا، سۈت 5600 توننا، كۆكتات زاپىسى 191 مىڭ 800 توننا ئىكەن، مۇھىم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى يېتەرلىك ئىكەن.
1- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر ناھىيە بازىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدىن مال سېتىۋالماقتا. ياڭ جىنشياڭ فوتوسى