تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن مەززىلىك تاماق ھىدى تارالدى

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى
    قىزىتىلغان قازاندىن ياغنىڭ كۆكۈش بۇسلىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى مەززىلىك تاماقنىڭ خۇش ھىدى قاپلىدى. ئاشپەز ئۇستام ئوتنىڭ ھارارىتىدىن پايدىلىنىپ، قولىدىكى كەپكۈر بىلەن ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ئۇسۇلدا ھەر خىل تاماق ماتېرىياللىرىنى قورۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ، گۈرۈچنى دۈملىدى. 
    يەر تەۋرەپ 12 سائەت بولغاندا، قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇرغان چۈشلۈك تامىقى پىشاي دەپ قالدى، بۇ تاماق دەل شۇ جايدىكى كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان مەززىلىك تائام ___ پولو.
    1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى قاراسۇ كەنتى گەرچە تەۋرەش مەركىزىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقتا بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈك ۋەيران قىلىش كۈچى بۇ كەنتنى ئاز بولمىغان زىيانغا ئۇچراتتى.
    قاراسۇ كەنتى جايلاشقان رايوندا يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە يېقىنقى بەش يىلدا 100 قېتىمدىن ئارتۇق 3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، ئەمما تەۋرەش دەرىجىسى بۇنداق كۈچلۈك بولغان يەر تەۋرەش ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغانىدى. 
    يەر تەۋرەش تۇيۇقسىز يۈز بەردى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تېز ھەم تەرتىپلىك بولدى.
    «ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىغا چاك كەتتى، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ يەنە بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئانام بىلەن بىللە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە كەنت كومىتېتىغا تەسىس قىلىنغان ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدۇق.» قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلباھار ھەسەننىڭ دېيىشىچە، يەر تەۋرەش گەرچە كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسىمۇ، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان ئىشەنچكە ئىگە قىلغان.
    30 مىنۇتتا ئۆينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ چىقىش، 1 سائەت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ خەتەردىن ساقلىنىشنى تاماملاش، سائەت 9دا ۋاقتىدا ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇ، توك، ئىسسىق تاماق، مەشنى بار قىلىش... گۈلباھار ئۆتۈپ كەتكەن بىر كېچىدە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن نېمە قىلغىنىنى بىلمەي قالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىغانىدى. 
    بۇ سوغۇق قانلىقنىڭ كۆپ قىسمى شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى، بەدەل تۆلىشىدىن كەلگەن. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار دەرھال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گۈلبوستان ساۋۇتنىڭ دېيىشىچە، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى قىشتىكى قەھرىتان سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار كېچىلەپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكىدى ھەمدە يېتەرلىك زاپاس ماددىي ئەشيا يۆتكەپ كەلدى، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىم-كېچەكلىرىنى يېتەرلىك تەييارلىدى. 
    «قولايلىق يېمەكلىكلەر بولۇپلا قالماي، بىز يەنە ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە نەق مەيداندا مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ بەردۇق.» گۈلبوستاننىڭ دېيىشىچە، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا زاپاس ساقلانغان ھەرخىل تاماق ماتېرىياللىرى ۋە يېمەكلىكلەر ئۈچ كۈنلۈك ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىكەن، كېيىنكى قەدەمدە كادىرلار يەنە تۈرلۈك كاپالەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئائىلە ئىللىقلىقى بېغىشلايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىدىكەن.
    مۇخبىر نەق مەيداندا ھازىر قاراسۇ كەنتى كەنت كومىتېتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھەرقايسى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، پۈتۈن كەنتتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىردەك مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 25 چېدىر قۇرۇلۇپ، سۇ، توك، ئىسسىنىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە كاپالىتى بارا-بارا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، قاراسۇ كەنتىدىكى نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىلىرى گەرچە ئۆزى پىششىق بولغان ئۆيىدىن ۋاقىتلىق كۆچۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قازىنى يەنىلا قاينىماقتا، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى، ئۈمىدى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.