تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى قايسىلار؟

قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى قايسىلار؟

قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى 

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن

ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە سىجىللىق ۋە ئاجىزلىشىش جەريانى بولىدۇ

شۇڭا كۆپ ساندىكى بىرقەدەر كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تەۋرەش مەنبەسى رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈزبېرىدىغان تەۋرەش دەرىجىسى ئاساسىي يەر تەۋرەشتىن نىسبەتەن تۆۋەن بولغان يەر تەۋرەش قالدۇق يەر تەۋرەش، دەپ ئاتىلىدۇ. 

   قالدۇق يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، كۆپ ھاللاردا قالدۇق يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئاساسىي تەۋرەشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئاساسىي تەۋرەش قانچە چوڭ بولسا، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ھەرىكىتى شۇنچە كۈچلۈك، قېتىم سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، يەنە بىر روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، قالدۇق يەر تەۋرەش ھەرىكىتى ۋاقىتقا ئەگىشىپ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە قېتىم سانى جەھەتتە تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ.

 لېكىن، ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلما رايونلىرىدىكى قالدۇق يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، بەزىلىرى نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ، بەزىلىرى ئون نەچچە يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن.

دۆلىتىمىزدە يەر تەۋرەش چاستوتىسى ۋە قويۇپ بېرىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئادەتتە يەر تەۋرەش ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

1. يەككە يەر تەۋرەش: بۇ، بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز، قېتىم سانىنىڭ ئاز بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

2. ئاساسىي يەر تەۋرەش قالدۇق يەر تەۋرەش تىپى: بۇ، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز، قېتىم سانىنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

3. كۆپ تەۋرەش تىپى: بۇ، ئاساسىي يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ بىرنەچچە قېتىم ئوخشاشراق كۆرۈلۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالدۇق يەر تەۋرەش قېتىم سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 

  ئىستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدا، %80 ئوتتۇراھال، كۈچلۈكلۈكتىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يەككە ۋە ئاساسىي يەر تەۋرەشنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش تىپىدىكى يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ، يەنى تەخمىنەن %80 بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، كېيىنكى قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى ۋە ھەرىكەت سەۋىيەسى ئاساسىي يەر تەۋرەشتىن يۇقىرى بولمايدۇ. 

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش ئاساسىي يەر تەۋرەش ۋە قالدۇق يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك.  

   بىرىنچىدىن، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ يۈزبېرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن: تاغ گۈمۈرۈلۈش، سۇ ئامبىرى يار ئېلىپ كېتىش، توختام سۇ تېشىپ كېتىش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش. ۋاقىتلىق يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش ئورنى ياسىغاندا، بۇنداق رايونلاردىن يىراق ئورۇننى تاللاش كېرەك. 

   ئىككىنچىدىن، خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئادەم يارىلاندۇرۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئاساسىي يەر تەۋرەشتىن كېيىن، قالدۇق يەر تەۋرەش ئۈزلۈكسىز يۈزبېرىپ تۇرىدۇ، كەسپىي تارماقلار ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشتىن بۇرۇن، ئۆز ئۆيى تېخى ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئالدىراپ ئۆيگە كىرىشكە بولمايدۇ.

  قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قالدۇق يەر تەۋرەش زىچ يۈزبېرىدىغان مەزگىلدە، چوقۇم بەلگىلىك مۇداپىئە تەدبىرى بولۇشى، قالدۇق يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭگو، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى ۋېيبوسى 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.