تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى

   مەنبە: جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى

   □ جاڭ ۋېي

   ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى. بىلىپ-بىلمەيلا، ئاقتۇدا بىر يىل شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزدۈم. 2023-يىلى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن، شۇنداقلا بەختلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بىر يىل بولدى، ياردەمگە ئېرىشكەن مەكتەپنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، خىزمەتداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتىم. «بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ھەر ۋاقىت كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ.

   ئاقتۇغا يېڭى كەلگەندە، مۇھىتنىڭ ئوخشاشماسلىقى، تىلنىڭ ئوخشاشماسلىقى، تۇرمۇشنىڭ قولايسىزلىقى قاتارلىقلار ھەر ۋاقىت ماڭا جەڭ ئېلان قىلىپ تۇردى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچى ئالدىدا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىدى. مېنىڭ شۇ جايدىكى قىزغىن ئامما ۋە ئىللىق بولغان مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتىگە: «قەدىرلىك ھەمراھلىرىم، بۇ بىر يىلدا سىلەرنىڭ بولغىنىڭلار بەك ياخشى بولدى!» دېگۈم كېلىدۇ.

جاڭ ۋېي دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

   چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانىدىن قارلىق ئېگىزلىككىچە 10 مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ كەلدۇق. ئاقتۇغا كېلىپ، «يېڭى دەرس ئۆلچىمى، يېڭى دەرسلىك، يېڭى ئىدىيە» ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. ياش پەن باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەكتەپ ماڭا ئۈچ سىنىپنىڭ ئىنگلىز تىلى دەسىنى  ئورۇنلاشتۇردى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىشەنچكە تولغان مەن بىرىنچى سائەتلىك دەرستىلا «مىخ»قا ئۈستۈم، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامى چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش ئىنتايىن قىيىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەسلىھەت سورىدىم، دەرسخانىدا دەرس ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پائال پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدىم.

   مەن ناھايىتى تېزلا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، دوست بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دادىل سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ ئوقۇپ، كۆپ مەشىق قىلىپ، سۆزلەپ، ناخشا ئېيتىپ، رەسىم سىزىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئويۇن ئويناپ، ئويۇن ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردۇم، دەرسخانا ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىنى تەدرىجىي تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈردى. بىر مەۋسۇملۇق ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈچ سىنىپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوتتۇرىچە نومۇرى 30 نومۇرغا يېقىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يىللىقلار بويىچە رەت تەرتىپى ئوتتۇرا دەرىجىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. 

   دەرس ئارىلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردا، تېلېفون، ۋىيشىنلاردا دائىم ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن، ھاياجانلانغان ھالدا ماڭا: «جاڭ مۇئەللىم، بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!»، دېدى.

   ئاقتۇغا كېلىپ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە، ئۆز زىممەمدىكى ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىم كېرەك، مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەن جاڭ يىڭ مۇئەللىم بىلەن ئۇستاز-شاگىرت بولدۇم. بۇ بىر مەسئۇلىيەت، ۋەدە، شۇنداقلا ئۈمىد.

   بىز ئۆزئارا دەرس ئاڭلاش، باھالاش، ھەمكارلىشىپ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇتۇش جەريانىدا يولۇققان «مۇرەككەپ، قىيىن ئەھۋاللار»غا قارىتا بىر-بىرلەپ «رىتسېپ» يېزىپ، «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كە ئۆتۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق. تەدرىجى ھالدا جاڭ يىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىدىن ھالقىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئوقۇتۇش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاقتۇ ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 3-دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دەرس مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات، ئاقتۇ ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئاساسىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى.

   جاڭ يىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا: «جاڭ مۇئەللىم، بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!» دېدى.

   10 يىللىق ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات باشقۇرۇش خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مەن ئاقتۇ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات باشقۇرۇش ئەترىتىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتىم. كۈندىلىك ئىش بېجىرگەندە، بىز دائىم ئوقۇتۇش، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش، پەن-ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادرولۇق ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقتۇ ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەمىنلىگەن سۇپىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ئوقۇتۇش رايونلىرىنىڭ باش تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش، ئۆمەك تەشكىللەپ ئوقۇتۇشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، «جياڭشى مائارىپ بۇلۇتى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش پائالىيىتى قاتارلىقلارغا پائال قاتنىشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى-ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتۇش پىكىر يولىنى ئورتاق تەتقىق قىلدۇق، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلەندۇق، مائارىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتۇق. ھەر قېتىملىق مۇھاكىمە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىدىيە جەھەتتىكى بەس مۇنازىرىدە كۆپچىلىك ئىختىيارسىز خۇرسەن بولغان ھالدا: «جاڭ مۇئەللىم، بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!»، دېدى.

   مەن ئۆزۈمنىڭ ئازراق كۈچىنى قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلىبداشلار تورىنى توقۇدۇم. دۇەنۋۇ بايرىمىدا، مەن بالىلارغا تۇخۇم قاپچۇقى توقۇشنى ئۆگەتتىم. بالىلار بايرىمىدا، مەن بالىلار بىلەن بىللە جياڭشىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن بۇلۇت تېرمىنالىدا سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ كۆرۈشتۈم. جۇڭچيۇ بايرىمىدا، مەن بالىلار بىلەن بىرلىكتە رەسىملىك كىتاب ئوقۇدۇم، بالىلىق چاغلاردىن ھۇزۇرلاندۇق. ھەپتە ئاخىرىدا، مەن مەھەللىدىكى بالىلارغا دەرستىن كېيىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلدىم. بالىلار ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ: «جاڭ مۇئەللىم، بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!» دېدى. 

   «بۇ بىر يىلدا سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!» دېگەن بۇ سۆز ماڭا نۇرغۇن سەمىمىي تەسىرات ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھالبۇكى مەنمۇ بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى يورۇق نۇرغا ئايلاندىم. مەيلى خۇشاللىق، كۆڭۈلسىزلىك بولسۇن، مەيلى ئېرىشىش، يوقىتىش بولسۇن، مەيلى ئاددىي كۈنلەردىكى ئۈن-تىنسىز چىڭ تۇرۇش بولسۇن ياكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش بولسۇن، مەن ناھايىتى تەسلىكتە 2023-يىلىدىكى بۇ ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، قايتا ئەسلىگەن ئاشۇ پەيتتە، مەن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۆپ يىللاردىن كېيىن، بالىلار تېكىستتىكى جۈملىلەرنى تەدرىجىي ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن دەرسخانا سىرتىدىكى مەنزىرە ۋە بىللە مەنزىرە كۆرگەن كىشىنى يەنىلا ئېسىدە ساقلايدۇ.

(ئاپتور جياڭشى ئۆلكىسىدىن 4-تۈركۈمدە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.