ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ) 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاقچى ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى زىيارەت قىلدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە، كىشىلەر ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈپ بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا قاچىلاپ، باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 41 كىلومېتىرلا كېلىدۇ.
قاردىن كېيىنكى ئاقچى ناھىيەسىدە سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. كېچىدە، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. يوتقان، يېمەكلىك، توكلۇق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ يەتكۈزۈلۈپ، ناھايىتى تېزلا يەنە تۈركۈم-تۈركۈملەپ تارقىتىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تېز يەتكۈزۈلدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى توققۇز ياشلىق قىزچاق ئايمۇنار مامېتقازىنى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن قورقمايدىغان بولدۇم». ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە، گۈلنۇر ياقۇپ ئېرى بىلەن بالىسىنى بەزلەپ ئوينىتىۋاتاتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
ھەرقايسى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا بەزى كىشىلەر تەييار چۆپ، مىفەن سەي يەپ ئولتۇراتتى، بەزىلىرى ئۇخلاپ بولغانىدى، بەزىلىرى بالىلىرى بىلەن ئوينىشىۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا ئىدى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى تۇنجى كېچىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىپ، بۇ زىمىستان كېچىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەسى خەلق مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى يان تېلېفونىنىڭ يورۇقىدا، كېچىلەپ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەسى خەلق مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى تىكمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ئاقچى ناھىيەسى خەلق مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى كېچىلەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقاتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى