تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يەر تەۋرىگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەر شارى ھەرىكىتى كۆپەيسىلا،

يەر تەۋرىشى مۇمكىن.

چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك.

ئەگەر يەر تەۋرىسە،

سىز قانداق قىلىسىز.

چوقۇم ھودۇقماڭ،

دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى بىخەتەر جايغا بېرىپ دالدىلىنىڭ.

ئەگەر بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولسىڭىز،

دەرھال سىرتقا قېچىپ چىقىڭ.

كەڭ مەيداندا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ياكى دۈم يېتىپ، بېشىڭىزنى قوغداڭ.

دەرەختىن، دەريادىن ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىدىن يىراق تۇرۇڭ.  

بىنا ئۆيدە ئولتۇرسىڭىزمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەڭ،

يەر تەۋرىگەندە،

تۇرۇۋاتقان بىنا قەۋىتى قانچە ئېگىز بولسا شۇنچە بىخەتەر ئەمەس دېگەن گەپ،

ئىلمىي ئەمەس.

زامانىۋى ئېگىز بىنالارنىڭ ھەممىسى،

ئادەتتە پۈتۈنلەي پولات چىۋىقلىق بېتون رامكا قۇرۇلمىلىق بولۇپ، 

كۆپ ھاللاردا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر، ئالتە قەۋەتلىك ئۆيلەردىن پۇختا. 

يەر تەۋرىگەندە دېرىزىدىن سەكرىمەڭ،

لىفىتقا ئولتۇرماڭ،

ئەگەر تەۋرىنىش قاتتىق بولسا،

ئۆي ئىچىدە بىخەتەر جاينى تېپىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش.

سىز ھاياتلىق ئۈچبۇرجىكىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز،

بىراق يەر تەۋرىگەندە،

سىز بەلكىم قايسى جاينىڭ ئەڭ بىخەتەر ئۈچ بۇرجەك ئىكەنلىكىنى

ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن .

توغرا ئۇسۇل شۇكى، تېزدىن پۇختا ئۆي جاھازلىرى ئاستىغا،

ياكى ئېغىرلىق چۈشىدىغان تام بار ھەم بوشلۇق بىر قەدەر كىچىك ئۆيگە،

مەسىلەن، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانىغا كىرىۋېلىڭ. 

لېكىن ئۆينىڭ سىرتقى تېمىنىڭ تۈۋىگە مۆكىۋالماڭ، 

ئاندىن كېيىن،

يېنىڭىزدىكى تاپقىلى بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن بېشىڭىزنى قوغداڭ. 

يەر تەۋرەش سەل پەسەيگەندە، 

ئاندىن قېچىپ چىقىپ ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا ساق- سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ.

ئەگەر راستىنلا خارابىلىك ئىچىدە قاپسىلىپ قالسىڭىز،

تەمكىن بولۇڭ، 

ئېغىز- بۇرنىڭىزنى ئېتىۋېلىپ، 

چاڭ- توزان سۈمۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىڭ.

يىغلىماڭ، ۋاقىراپ- جاقىرىماڭ،

جىسمانىي كۈچىڭىزنى ساقلاڭ.

يان تېلېفون ئارقىلىق ياكى تاش پارچىسىنى ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،

سىرتقا قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىڭ.

ئەگەر يەر تەۋرىگەندە سىز ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقان بولسىڭىز،

بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا،

دەرھال ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختىتىڭ،

ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ كەڭ جاي تېپىپ ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىڭ. 

ئاپتوموبىل ئىچىدە تۇرسىڭىز ئاسانلا يول بويىدىكى چۈشكەن نەرسىلەر بېسىۋېلىپ يارىلىنىسىز.

ئەگەر ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بولسىڭىز،

تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇڭ،

ئېغىرلىق مەركىزىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ،

يېقىن ئەتراپتىكى ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا دالدىلىنىڭ. 

ساياھەت قىلىۋاتقاندا يەر تەۋرىسە، 

چوقۇم مەنزىرە رايونى خادىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ،

تەرتىپلىك تارقاقلىشىڭ.

تاغ، دەريا ۋە ئەينەك ئالاھىدە كۆپ ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردىن تېز يىراقلىشىڭ.

يەر تەۋرەش توختىغاندىن كېيىنمۇ ھۇشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن كۆپ ھاللاردا يەنە قالدۇق يەر تەۋرەيدۇ،

بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن،

نەرسە- كېرەك ئالغىلى ئۆيگە ھەم باشقا بىنالارغا قايتىپ كىرمەڭ.

چوڭ ئاپەتتىن كېيىن ئادەملەر ھۇشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. 

يەر تەۋرەش كۆپ ھاللاردا سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،

شۇڭا ئاپەتتىن كېيىن چوقۇم يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئامال بار قايناقسۇ ئىچىڭ،

قاينىتىلمىغان سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ.

سۇغا چىلىنىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىمۇ ھەرگىز يېمەڭ،

يەنە كەسپىي خادىملارغا ماسلىشىپ،

چىۋىن، پاشا، چاشقان يوقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يەر تەۋرەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

لېكىن پەقەت ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ ئۆزىنى قۇتقۇزغاندىلا،

ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.