ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
«بۈگۈن سەھەر يەر تەۋرەش ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈزبەردى، مۇلازىمەتچىلەر بىرىنچى ۋاقىتتا بىزنى دەرھال چېكىنىشكە تەشكىللىدى، بىز ھازىر ناھايىتى بىخەتەر.» 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىدىكى بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا جۇ يوۋجېڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەر سىرتتا پائالىيەت قىلماقتا. جۇ يوۋجېڭ فوتوسى
جۇ يوۋجېڭنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاقچى ناھىيەسىگە ئىش بېجىرگىلى بېرىپ، ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانىنىڭ 8313-نومۇرلۇق ياتىقىغا ئورۇنلاشقان. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئارام ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان جۇ يوۋجېڭ ياتىقىدا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغانلىقىنى ھېس قىلدى، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئۇ مۇلازىمەتچىلەرنىڭ كارىدوردا ياتاقتىكى مېھمانلارنى چېكىنىشكە چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدى.
«يەر تەۋرەش ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈزبەردى، بىزمۇ ناھايىتى تېز چېكىندۇق، بەختكە يارىشا مۇلازىمەتچىلەر دەل ۋاقتىدا ئەسكەرتتى» دېدى جۇ يوۋجېڭ.
جۇ يوۋجېڭ ۋە باشقا ساياھەتچىلەر مۇلازىمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانىنىڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە چېكىندى، مۇلازىمەتچى يەنە مەخسۇس بىر نەچچە توك پار ئۈسكۈنىسى، توك چەينەك ۋە مىنېرال سۇ ئەكىلىپ بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانىنىڭ دىرېكتورى «كاستې» ماركىلىق بىر ئاپتوموبىلنى ئەكىلىپ، ئۇنى ئوت ئالدۇرۇپ، پارنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىلدا بىر كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
جۇ يوۋجېڭ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كەچتە ئاقچى ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولدى، لېكىن ئاپتوموبىلدا ئازراقمۇ سوغۇق ھېس قىلمىدىم، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ئىللىپ قالدى.
جۇ يوۋجېڭنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى، ئەتىگەندە مۇلازىمەتچىلەر مېھمانلارغا ناشتىلىق تەييارلاپ بەردى، ھەر بىرەيلەن بىر قاچا تەييار چۆپ، ئىككى تال قېزا ئالدى، يەنە بىر قىسىم بولكىلار كۆپچىلىكنىڭ تاللاپ يېيىشىگە تەمىنلەندى.
ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يەر تەۋرىگەن كۈنى ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانىغا جەمئىي 26 مېھمان ئورۇنلاشقان، كېچىلىك ئىسمېنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىمدىن تۆتى بار ئىدى، ھېچقايسىسى يەر تەۋرەشتە يارىلانمىدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مېھمانخانىنىڭ كېچىلىك ئىسمېنا مۇلازىمەتچىلىرى كۆپچىلىكنى دەرھال بىخەتەر جايغا چېكىنىشكە تەشكىللىدى ھەمدە مېھمانلارغا توك پار ئۈسكۈنىسى، ئىسسىق سۇ، ناشتىلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ بەردى، بۈگۈن سەھەردە 20 مېھمان ياتاقنى قايتۇرۇپ ئۆز ئالدىغا قايتتى، قالغان ئالتە مېھمان ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بىخەتەر ئېلىپ بېرىلدى.
نۆۋەتتە، ئاقچى ناھىيەلىك مېھمانخانا بىلەن «توخې جۈنلەن» مېھمانسارىيى يەر تەۋرەشتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنىڭ باھالىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن، ۋاقتىنچە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالالمايدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى