1- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش مەركىزىگە تەخمىنەن 41 كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى قۇلانسارىق يېزىسىدىكى بىرەيلەن ساقچىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، بالىسىنىڭ چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىكى ئۆينىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قۇلانسارىق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئاپتوموبىل بىلەن 20 كىلومېتىر يول يۈرۈپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە باردى. ھازىر قاپسىلىپ قالغۇچى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىقىلدى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى.
مۇخبىر: ما كەي، دۇ گاڭ
خەۋەر بەرگۈچى: ليۇ پېڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈن- سىن بۆلۈمى ئىشلىگەن