تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقچى: يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسدىكى ئامما ئىسسىق تاماق يېدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لۇڭفېڭ خەۋەر قىلىدۇ) «يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمىتىمىز ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال چېدىر تىكىپ، بىزگە ۋاقىتلىق دالدىلىنىدىغان جاي ھازىرلاپ بەردى، يەنە پەلتو ۋە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەردى» دېدى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12دە، ئاقچى ناھىيەسى خەلق مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئاقچى ناھىيەسى ئاھالىسى خۇاڭ ياچىن بىر قاچا ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان تەييار چۆپنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقچى ناھىيەسىدە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن تۆتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى جايغا رەڭلىك پولات تاختا قۇرۇلمىلىق ئۆي سالغان، ئىككى جايغا چېدىردىن 500نى تىككەن، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرى يەنە داۋاملىق چېدىر تىكىۋېتىپتۇ ھەمدە ئاممىغا يوتقان-كۆرپە، ھەربىيچە پەلتو، تەييار چۆپ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز تارقىتىۋېتىپتۇ.

   1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسى چېگراسىغا 1.6 كىلومېتىر (قۇلانساراق يېزىسى)، ناھىيە بازىرىغا 39 كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن ئاقچى ناھىيەسى دائىرىسىدىكى ئۆيلەر بىردەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.