ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇن جيەنبىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن قوشنا ئاقچى ناھىيەسىدىمۇ يەر تەۋرەپ، قىسمەن تاشيوللار گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، ئاتۇش تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقچى شۆبە ئىدارىسى دەرھال ئادەم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيدانغا ئەۋەتتى. شۇ كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكەنگە قەدەر، تاشيول خادىملىرى يولنى راۋانلاشتۇرۇش شارائىتى ھازىرلانغان يول بۆلەكلىرىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يول يۈزىنى تازىلىدى.
يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاقچى تاشيول شۆبە ئىدارىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەش بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. سۈرەتتە: كۆۋرۈك-تونېل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
جىن مېيخۇا فوتوسى
يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاقچى تاشيول شۆبە ئىدارىسى ئىشخانا بىناسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئىشخانا بىناسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىنىڭ كۆپ يېرىدە يېرىق پەيدا بولغانلىقىنى، تورۇسنىڭ كەڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بەختكە يارىشا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىدى. يەنە خادىملارنى يوللارغا چىقىپ يول چارلاشقا، ئاتيول تونىلى، دۆلەت، ئۆلكە يوللىرىنى نۇقتىلىق چارلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى.
ئاقچى تاشيول شۆبە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى ئاتيول تونىلىدا يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرمەكتە. جىن مېيخۇا فوتوسى
ئاقچى تاشيول شۆبە ئىدارىسى تېخنىك خادىم ۋە يول ئاسراش ئىشچى-خىزمەتچىسىدىن جەمئىي 20نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن ئالتىنى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن ئىككىنى ئىشقا سېلىپ، بەش گۇرۇپپا بويىچە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دۆلەت يولى 219-لىنىيەسى ۋە ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسى، Z660-لىنىيەسىنىڭ يول ئۇلى، يول يۈزى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، تونېل، لىنىيە بويىدىكى ئەسلىھەلەر، ئىشخانا بىناسى، يول ئاسراش بەنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى قاتارلىق رايونلارنى تەكشۈردى.
يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاقچى تاشيول شۆبە ئىدارىسى باشقۇرىدىغان، ئاسرايدىغان ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسىنىڭ k163+950 بۆلىكى، k199+100 بۆلىكىدە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، يول يۈزى توسۇلۇپ قالغان، بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغان، بۇ تارماق قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يول بۆلىكىنى تاقىدى. جىن مېيخۇا فوتوسى
دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت يولى 219-لىنىيەسى ۋە ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسى، Z660-لىنىيەسىنىڭ يول ئۇلى، يول يۈزىدە بەش جايدا تەخمىنەن بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە يېنىك دەرىجىدە يېرىق پەيدا بولغان، ئىككى كۆۋرۈكنىڭ تۆت يېرىدىكى ئۇزىراش-قىسقىراش چاك لەڭگىرى رايونىدا يېنىك دەرىجىدە يېرىق پەيدا بولغان؛ ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە تۆت جايدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش كۆرۈلگەن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خادىملىرى ئىككى جايدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن نەق مەيدانغا بېرىپ يول يۈزىنى تازىلىدى؛ ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسىنىڭ k163+950 بۆلىكى، k199+100 بۆلىكىدە بىخەتەر يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغاچقا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يول بۆلىكىنى تاقاش تەدبىرى قوللاندى ھەمدە ئايلىنىپ ئۆتۈش كۆرسەتمە تاختىسى ئورناتتى؛ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن G219 لىنىيەسىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1922 مېتىر كېلىدىغان ئاتيول تونىلىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، قۇتقۇزۇش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، ئۆلكە يولى 306-لىنىيەسىدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يولنى راۋانلاشتۇرۇش شارائىتى ھازىرلانمىدى، تاشيول خادىملىرى ۋە ماشىنىلار ھەر ۋاقىت يولنى راۋانلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى