تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە «دى دى تاكسىسىغا بوش ئاپتوموبىل چىرىغى ئورنىتىش»قا بولىدۇ؟  ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى: يالغان

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: بەزى تورداشلار جىنرى تۇۋتياۋغا يازما يوللاپ «دى دى تاكسىسىغا بوش ئاپتوموبىل چىرىغى ئورنىتىشقا بولىدۇ» دېگەندەك يالغان سۆزلەرنى تارقاتتى، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار يازما يوللىغانلارنى چاقىرتىپ سۆزلەشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى يازمىدا دېيىلگەن ئاپتوموبىلغا چېتىشلىق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. 

    ئۈرۈمچىدىكى بىر دى دى توردا كېلىشىدىغان تاكسىنىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسى ئۆز ئالدىغا دى دى دېگەن خەت بار «بوش ئاپتوموبىل» چىرىغى ئورناتقان. ئۈچ توردا كېلىشىدىغان تاكسى شوپۇرى جىنرى تۇۋتياۋغا يازما چىقىرىپ: دى دى تور تاكسىسى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى مۇشۇنداق ئاپتوموبىل چىرىغى ئورنىتىپ، يولۇچىلارنى توشۇشقا قولايلىق ياراتسا بولىدۇ، دېگەن. ھازىر بۇ يازما بىكار قىلىندى. 

    «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ توردا كېلىشىدىغان تاكسى تىجارەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: توردا كېلىشىدىغان تاكسىغا سەييارە تاكسىنىڭ تۆپە بەلگە چىرىغى، تىجارەت تىرانسپورت بەلگىسى ۋە بوش ئاپتوموبىل، كىرا كۈتۈش بەلگىلىرىنى ئورنىتىشقا بولمايدۇ. 

    1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) شۆبە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، دى دى دېگەن خەت يېزىلغان «بوش ئاپتوموبىل» چىرىغى ئورنىتىلغان بۇ توردا كېلىشىدىغان تاكسىنىڭ «توردا كېلىشىدىغان تاكسى تىجارەت كىنىشكىسى» يوق بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ شۆبە ئىدارە قانۇن بويىچە توردا كېلىشىدىغان تاكسى ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ھەمدە ئاپتوموبىل ئىگىسى قاراشلىق توردا كېلىشىدىغان تاكسى سۇپىسىغا جەرىمانە تالونى چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا دى دى دېگەن خەت يېزىلغان «بوش ئاپتوموبىل» چىرىغى ئورنىتىش قىلمىشىنى تۈزەتتى. 

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاھالىلەر ئەگەر سەييارە تاكسى ئەمەس ئاپتوموبىللارغا بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىسا، ئۈرۈمچى 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، ئاپتوموبىل ئىگىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يالغان سۆزلەرنى يوللىغانلارغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.