تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشكە قارىتا داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردى

    1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي، زېڭ يىشىن ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى لېي خەيچاۋ دەرھال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوللاشنى تەلەپ قىلدى. كومىتېتىمىز شۇ جايدىكى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، دۆلەت (شىنجاڭ) جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەييارلىقنى پۇختا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىدۇ.

    شۇ جايدىكى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئىككى جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىدىكى 40 كىشىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا ئەۋەتتى، ھازىر، ئۇلار يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ باردى ھەم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. ئالاقىدار دوختۇرخانىلار يېشىل يول ئېچىپ، يېتەرلىك كارىۋات تەييارلاپ، يارىدارلارنى ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلدى.

    دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ داۋالاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، قوللايدۇ.

مەنبە: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.