تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوندا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ما كەي، گۇ يۈ، دۇ گاڭ) 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندە، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق كۆپلىگەن جايلىرىدا روشەن تەۋرەش سېزىمى بولدى، شۇ جايدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى، نۆۋەتتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەۋرەش مەركىزىدە ئىككى ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، يەر تەۋرەشتە ئاقسۇ 220 كىلوۋولتلۇق مەنبەي لىنىيەسى، بيېمەن لىنىيەسىنىڭ توك يولى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، دۆلەت ئېلېكتىر غول لىنىيەسىدە سائەت 2دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلگەن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا توك بىلەن تەمىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەن.

   مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر، ئاقچى ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 41 كىلومېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىر دائىرىدە بەش كەنت بار ئىكەن، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى 20 كىلومېتىر دائىرىدە يېزا-بازار تۇرۇشلۇق جاي يوق ئىكەن، تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى 50 كىلومېتىر دائىرىدە يېزا-بازارلاردىن يامانسۇ قىرغىز يېزىسى، ئوتبېشى يېزىسى بار ئىكەن.

  يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى تېزدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتى يەر تەۋرەش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بويىچە ئالدىن ئەۋەتىش ئەترىتىدىكى ئىككى ئاپتوموبىل، 10 ئادەمنى تەۋرەش مەركىزى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتىنىڭ بىر يېنىك تىپتىكى ئەترىتىدىن 13 ئاپتوموبىل، 60 ئادەم يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېتىپ باردى.

  ئاقسۇغا كاماندىروپكىغا بارغان ساۋ ياڭلۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يەر تەۋرىگەندە، مەن مېھمانخانىنىڭ 21-قەۋىتىدە تۇرۇۋاتاتتىم، تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى، ئۆزۈمنى كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم.

  شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى دەرھال يەر تەۋرەش ئاپىتى بويىچە 1-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغاتتى، «شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى يەر تەۋرەش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش لايىھەسى» بويىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككى ئېغىر تىپتىكى ئەترەت، ئالتە يېنىك تىپتىكى ئەترەت، سەككىز زاپاس ئەترەتتىن جەمئىي 182 ئاپتوموبىل، 800 ئادەم، 32 ئىت يىغىلدى، بۇ ئەترەتلەر 29 مىڭ 156 دانە (يۈرۈش) ئۈسكۈنە-جابدۇقلارنى ئېلىپ گازارما رايونىدا بۇيرۇق كۈتۈپ، ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان تىلىۋالدى مۇنداق تونۇشتۇردى: يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ ناھىيەدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، داۋالاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، خادىملارنى يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونغا ئەۋەتتى. سائەت 3كىچە، يامانسۇ قىرغىز يېزىسى ئىككى جايدا ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى ۋە قوتانلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى دوكلات قىلغان بولۇپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش توغرىسىدىكى دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.