تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. سائەت 4تىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى 1-تارماق يېنىك تىپلىق ئەترىتىدىن جەمئىي 13 ئاپتوموبىل، 60 ئادەم يەر تەۋرەش نەق مەيدانىغا يېتىپ باردى.
سائەت 6لەرگىچە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش ئەترىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، شۇنداقلا ناھىيە بازىرىدىكى بىر يېزا-بازار، بەش كەنتتىكى 120 ئائىلىلىكنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، 90 ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، خەتەر، توسالغۇدىن 36نى تۈگەتتى.
سائەت 6لەرگىچە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى 120 ئائىلىلىكنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، 90 ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، خەتەر، توسالغۇدىن 36نى تۈگەتتى
مۇھەررىر:
ياقۇپجان تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2024/01/23 13:28
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.