ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ يىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.63 گىرادۇس)دە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ شۆبە شىركىتى بىرىنچى ۋاقىتتا يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش كاپالىتى لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئاقسۇ شۆبە شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش كاپالىتى ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۇچتۇرپان يەر تەۋرەش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلدى.
جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى تەمىنلىگەن
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى تور كاپالىتى خادىملىرى سەھەر سائەت 2دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، پۈتۈن ناھىيەدە تور ئاپپارات ئۆيىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ تور كۆرسەتكۈچىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى تورنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈن سائەت 6گىچە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش كاپالىتى خادىمىدىن جەمئىي 53ى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش كاپالىتى ئاپتوموبىلىدىن يەتتىسى، گېنېراتوردىن تۆتى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىدىن ئونى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 27 ئورۇندا مۇلازىمەتتىن چېكىنىش ئاساسىي پونكىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، سەككىز ئورۇندا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاشىلىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتتە، ئۇچتۇرپاننىڭ تېلېگراف خەۋەرلىشىش تورى تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى تور كاپالىتى خادىملىرى سەھەر سائەت 2دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، پۈتۈن ناھىيەدە تور ئاپپارات ئۆيىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ تور كۆرسەتكۈچىگە قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ تورنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى تەمىنلىگەن سۈرەت
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى