تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«شىنجاڭ ئوغلىقى»نىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى!

1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن

خاڭجوۋ ۋۇلىن كەچلىك بازىرىدىكى باھار بايرىمىلىق شىنجاڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىش بايرىمى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى

پۈتۈن توردا دىققەتنى قوزغىغان

«شىنجاڭ ئوغلىقى» زىلالەقىز توقسۇن

نەق مەيدانغا كېلىپ

خاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىغا ئۆز قولى بىلەن

مەززىلىك، ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قوي گۆشى پولۇسى ئەتتى

نەق مەيداندا

زىلالەقىز توقسۇن مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ئارزۇيۇم ھازىر تولۇق ئەمەلگە ئاشتى،

كۆڭلۈمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق بار».

بۇ ئىللىق ھېكايىنى

زىلالەقىز توقسۇننىڭ

بىر ئارزۇسىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ

زىلالەقىز توقسۇن

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى

بوزدۆڭ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ

ئالتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى

ئۆز ئۆيىدە باققان بىر سېمىز قوينى

ئۆزىگە ياردەم قىلغان جېجياڭ خەلقىگە سوۋغا قىلىش

ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى ئىدى

ئاقسۇ ۋىلايىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش رايونى ئىدى

زىلالەقىز توقسۇننىڭ خىيالى

نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى

ئۇلارمۇ ئۆيلىرىدىكى قوي ئارقىلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرماقچى بولۇشتى

شۇنداق قىلىپ 200 تۇياق قوي تەييار بولدى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى

شىنجاڭ ئاقسۇدىن كەلگەن 200 تۇياق قوي

ۋە بىڭتاڭشىن ئالما، ئونسۇ گۈرۈچى قاتارلىق يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار

ئارقا-ئارقىدىن جېجياڭغا ئەۋەتىلدى

بۇ ئىككى كۈندە

زىلالەقىز توقسۇن قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئىئانە قىلغان

200 تۇياق قوي تۈركۈم بويىچە جېجياڭغا يېتىپ كەلدى

جېجياڭدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بىلەن

1-ئاينىڭ 18-كۈنى

14 نەپەر ئوماق ھەم سەمىمىي «شىنجاڭ ئوغلاقلىرى»

مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا

خاڭجوۋغا يېتىپ كەلدى

زىلالەقىز توقسۇن مۇنداق دېدى:

«مەن بىر قوينى شەپقەتچىمگە سوۋغا قىلدىم،

 ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى،

ناھايىتى خۇشال بولدۇم!»

«شىنجاڭ ئوغلىقى» تاتلىق كۈلمەكتە.    يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى

ئايرودرومغا ئالغىلى كەلگەنلەردىن يەنە

خاڭجوۋ باۋچۇتا تەجرىبە مەكتىپىدىن كەلگەن

«جېجياڭلىق كىچىك ياڭمېي»لار بار ئىدى

ئۇلار «كىچىك ئوغلاق» ئاچىلىرىغا

ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئەجدىھا يىلى تەبرىك كارتىسى

ۋە لازېرلىق ئويما خەتكۈچنى سوۋغا قىلدى

1-ئاينىڭ 18-كۈنى لابا بايرىمى ئىدى

«كىچىك ياڭمېي»لار يەنە كۆڭۈل قويۇپ

مەززىلىك لابا ئۇمىچى تەييارلىغان ئىدى

«جېجياڭلىق كىچىك ياڭمېي»لار «شىنجاڭ ئوغلاقلىرى»غا ئۆزلىرى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز قولىدا ياسىغان سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلماقتا.

يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى

«شىنجاڭ ئوغلىقى» زىلالەقىز توقسۇن

خاڭجوۋدا يەنە بىر ئارزۇسىنى تاماملاپ

قوينى ئۆز قولى بىلەن

شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن جېجياڭلىق مېھرىبان زاتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى

بۇ مېھرىبان زات مۇنداق بىلدۈردى:

بۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ داۋاملىق يەتكۈزۈلۈشنى ئۈمىد قىلىمەن

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانا مەكتىپى

خاڭجوۋ چيەنجياڭ يېڭى شەھەر تەجرىبە مەكتىپىنىڭ

قويلارنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدى

بۇ مېھىر-شەپقەت قوي گۆشى

جېجياڭغا بېرىش بىلەن بىللە

بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھېكايىسىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

«جېجياڭنىڭ قانداق سوۋغات قايتۇرۇشى»مۇ

تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى

خۇجوۋ مائارىپ تارماقلىرى

ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ جاۋابىنى بەردى

1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ

خۇجوۋ شەھىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر

ۋە مەكتەپتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

ئىئانە قىلغان 160 مىڭ پارچە كىتابنى

​ئارقا-ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى

 نۇرغۇن مەكتەپ

ۋە ئۆسمۈرلەر سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىشكە باشلىدى

خۇجوۋ جاۋابەن سوۋغا قىلغان 160 مىڭ پارچە كىتابنى پىدائىيلار ئوراپ قاچىلىماقتا.  ۋاڭ يىباۋ فوتوسى

تورداشلار كۈلۈپ تۇرۇپ

بۇ «ياخشىلىققا ياخشىلىق دېگەن شۇ» دەپ سۆز قالدۇردى

قوش يۆنىلىشلىك مۇھەببەت

ھەقىقەتەن ئىللىق!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.