تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

بۇ يىلقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى! شىنجاڭدا يەنە نەچچە كۈن سوغۇق بولىدۇ

جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا

    1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە

    2024-يىلىدىكى تۇنجى سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

قاپاقياردىنىڭ 3-كۈنى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سىجىل تۆۋەنلەپ

سوغۇقلۇق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يولدا قار تېيىلماقتا.

   قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىدە

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كېتىدۇ

يوللاردا مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھەرقايسى جايلار يوللاردا مۇز تۇتۇش توغرىسىدىكى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشنى بەس-بەستە ئېلان قىلىپ

ئاممىنىڭ سەپەرگە چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى

يېقىنقى ئىككى كۈندە

شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى ۋەزىيىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولىدۇ

تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن سىرت

يەنە قار ياغىدۇ، بوران چىقىدۇ ۋە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن ئىبارەت ھاۋارايى

قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇش، قار يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

يول يۈزى نەم، تېيىلغاق بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ

شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، قاتناش، يول يۈرۈشكە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ

قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدۇ

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ئۇدا تۇتۇق تۇمانلىق ياكى تۇتۇق قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ

 قاتناش، يول يۈرۈشكە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ

 مۇداپىئەنى كۈچەيتىڭ

1-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى قۇم كەنتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    تېخىمۇ كۆپ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

  1-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدىن 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزگىچە، سانجى ئوبلاستى، تىيانشان تاغلىق رايونى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان بەلباغلىرىدا، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ ئېغىزى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولۇپ، قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدۇ؛ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا تۇتۇق تۇمانلىق ياكى تۇتۇق قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق ھاۋارايى ئاساس بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

  1-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزگىچە، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ ئېغىزى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناۋخەي شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدۇ، قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدۇ؛ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا تۇتۇق تۇمانلىق ياكى تۇتۇق قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق ھاۋارايى ئاساس بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بىر گۇرۇپپا خەۋەر بۇنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ

  سۈرەت مەزمۇنى: بۇ يىلقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى

   1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14تىن 20-كۈنى سائەت 14كىچە

    مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

  1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە 

ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەيدۇ ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇس سىزىقى جەنۇبتىن خۇانەننىڭ شىمالىي قىسمىغا سۈرۈلىدۇ

جەنۇبىي رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە قار ياغىدۇ

گۇيجوۋ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردا يامغۇرلۇق، قار-مۇزلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

ياغقان قارنىڭ مىقدار دەرىجىسى قېلىن قار دەرىجىسىگە يېتىدۇ، قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار ياغىدۇ

جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى (جۇڭگو مېتېئورولوگىيە گېزىتى) ئىشلىگەن

2-ئۇزۇن سۈرەت مەزمۇنى: بۇ يىلقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈكتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش!

مۇداپىئەلىنىش تەكلىپى

ئەسلىھەلىك پارنىكتا پارنىك يوپۇقىنى چىڭىتىش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش

قىچا ۋە ئوچۇقچىلىقتىكى كۆكتات، ئىقتىسادىي باغ-ئورمان قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىق ساقلاشنى ياخشى ئىشلەش

جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى (جۇڭگو مېتېئورولوگىيە گېزىتى ئىدارىسى) ئىشلىگەن

بۇ يىلقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

يامغۇر، قار-مۇزدىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش

 مۇداپىئەلىنىش تەكلىپى

  قېلىنراق كىيىنىپ بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، توك ئىشلىتىش، كۆمۈر ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش

   ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق لىنىيە ۋە ئەسلىھەلەرنى سەييارە تەكشۈرۈش، ئاسراش ۋە مۇستەھكەملەشنى كۈچەيتىش، توك سىمىنىڭ مۇز تۇتۇپ قېلىش خەتىرىدىن ھوشيار بولۇش

   جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى (جۇڭگو مېتېئورولوگىيە گېزىتى ئىدارىسى) ئىشلىگەن

  بۇ يىلقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىپ كىردى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    يوللار مۇز تۇتۇشتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىش!

مۇداپىئەلىنىش تەكلىپى 

قار-مۇزلارنى ۋاقتىدا ياخشى تازىلاش

زۆرۈر تېپىلغاندا مۇز تۇتقان يول بۆلەكلىرىنى تاقىۋېتىش

ئاپتوموبىل بىلەن يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، تەسىرگە ئۇچرايدىغان ۋاقىت بۆلەكلىرىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش

     جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مېتېئورولوگىيە تەشۋىقاتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى (جۇڭگو مېتېئورولوگىيە گېزىتى ئىدارىسى) ئىشلىگەن

 ماقالە مەنبەسى: تىيانشان تورى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى(ID:xjnews) جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.