تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؟

  «ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 88-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ياكى مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

  (1) ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلسە؛

  (2) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا؛

  (3) ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلسا؛

  (4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتىغا ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئىگە قىلمىسا؛

  (5) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىسە؛

  (6) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىسا؛

  (7) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە؛

  (8) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچىگە ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزگۈزسە ياكى ئۆزگەرتكۈزسە؛

  (9) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدا ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە ۋە ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقىنى يوققا چىقارغان بولسا؛

  (10) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا؛

  (11) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىسا؛

  (12) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە؛

  (13) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.


«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.