شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 1- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ يۆياڭ، جاڭ شىنشىن) مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى − 2023-يىلى، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»ى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولدى، پۈتۈن يىلدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئېشىپ، 2022- يىلىدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى، ياسىمىچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئۇدا 14 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
بۇ، مۇخبىرلارنىڭ 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرى.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى