تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

تۆت خىل ئىستېمال ئادىتى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن (1)

ئۈچەي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى قاتارلىق

ئادەمنى قورقۇتىدىغان بۇ راكلارغا گىرىپتار بولۇش 

كىشىلەرنىڭ بەزى يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

بىز قانداق قىلغاندا راكتىن يىراق تۇرۇپ، تېنىمىزنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟ 

بۈگۈن بەش نۇقتىدىن بۇ توغرىلىق توختىلىپ ئۆتەيلى!

1

«تاللاش» كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي راكى

بەزى كىشىلەر بەك تاماق تاللايدۇ، گۆشنىلا ياخشى كۆرىدۇ، كۆكتات يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنداق تاماق تاللاش ئادىتى ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. 

ئەگەر ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان گۆش تۈرلىرىنىڭ مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇق ئوزۇقلۇق ماددىلار باكتېرىيەلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، باكتېرىيەلەرنىڭ تەسىرىدە، گۆش تۈرىدىكى مول ئاقسىل، ياغ قاتارلىق ماددىلار تېزلىكتە چىرىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچەي شىللىق پەردىسى ئۇزاق مۇددەت زىيانلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ياللۇغلىنىش- توقۇلمىلار ئۆلۈش- قايتا تىرىلىش» جەريانى ئۈزلۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ، شىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرى ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا «تۇيۇق يول»غا مېڭىپ قالسىلا، يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ قىزىل گۆش، پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. 

قىزىل گۆش:

تاماققا ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى رەڭگى قىزىل بولغان گۆشنى كۆرسىتىدۇ، چوشقا، كالا، قوي قاتارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشى مۇشۇ تۈردىكى گۆشكە تەۋە.

پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى:

تەمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەت ساقلاش مەقسىتىدە ئىسلاش، تۇزلاش، شامالدا قۇرۇتۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان گۆشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، باكون، سۈرلەنگەن چوشقا سېنى، سۈر گۆش، ئىسلانغان گۆش، تۇزلانغان كالا گۆشى، قاق گۆش ۋە گۆش كونسېرۋاسى، گۆش قىيامى قاتارلىقلار. 

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بېرىدىغان تەكلىپ:

1. نومى گۈرۈچى، يىرىك گۈرۈچ، قىزىل پۇرچاق، سۇلۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا ئاشلىقنى قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش

2. مېۋە ۋە كۆكتات قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈچەيدىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ؛ 

3. پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش كېرەك، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ياساش ياكى پىششىقلاش جەريانىدا بولى ھالقىلىق ئاروماتىك ھىدروكاربونلار، جىپسىلاشقان ھالقىلىق ئاروماتىك ھىدروكاربونلار قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، كۆپ يېگەندە ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، ھەر ھەپتىدە ئىستېمال قىلىش قېتىم سانى بىر- ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.