تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ساۋاتلار

    باشقا جايدا داۋالانغاندا، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ 

    جاۋاب: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، راسچوت تورى سىستېمىسى، كېسەل كۆرسىتىش ئىسپاتى قاتارلىق كاشىلىلار تۈپەيلىدىن بىۋاسىتە راسچوت قىلغىلى بولمىسا، ھەمدە كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇرخانا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئارقىلىقمۇ ھەل قىلالمىسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايغا كېلىپ، ئايرىم (ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارە ئارقىلىق) ئاتچوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى نېمىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟ 

    1. داۋالىنىش ھەققى تاپشۇرۇش يىل چېكى توشمىغان بولسا، شەخسلەر يىل چېكى توشقىچە داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر قەرز بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن نورمال بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. 

    2. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىدارە تاپشۇرغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، شەخسىلەر ئۆزى داۋاملىق ھەق تاپشۇرمىغان بولسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن  ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن نورمال بەھرىمەن بولۇشقا تەسىر يېتىدۇ. 

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش دېگەن نېمە؟ 

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش دېگىنىمىز: ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پېنسىيەگە چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىش بىلەن بىرگە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى ئەرلەرنىڭ 25 يىلغا توشقان، ئاياللارنىڭ 20 يىلغا توشقان بولۇشى كېرەك.

    جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟ 

    تور سىرتىدا ۋە توردا ھەق تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ. تور سىرتىدا تاپشۇرغاندا، ئۆزى قاراشلىق رايون (ناھىيە)نىڭ باج ئىشلىرى زالى ۋە رايون (ناھىيە)نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىنىڭ باج كۆزنىكىگە بېرىپ تاپشۇرسا ياكى كېلىشىم ئىمزالاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەق تۇتۇپ قېلىشنى بېجىرسە بولىدۇ. توردا تاپشۇرغاندا، جىفۇباۋ ياكى ۋېيشىندىن «شىنجاڭ باج ئىشلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش APP»سى ئارقىلىق تاپشۇرسا بولىدۇ. 

    بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا سېرىقلىق چۈشۈش سەۋەبىدىن بالنىستا ياتقاندا، خىراجەتنى ئاتچوت قىلغىلى بولامدۇ؟ 

    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نوپۇسقا ئېلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ۋاقتىدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىش سىياسىتى»نى يولغا قويدى. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملىسا، تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلالايدۇ ھەم شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

    سوزۇلما كېسەللىكلەر يېشىل كارىدورى دېگەن نېمە؟ 

    يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش، ئەزا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن يەكلەشكە قارشى داۋالاش، ئاق قان كېسىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدىكى ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل تەمىناتىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى يۇقىرىقى تۆت خىل ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا راۋان يول ئېچىپ بەردى. يەنى، يۇقىرىقى تۆت خىل سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار، ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەللەرنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتىغا ئالاقىدار كېسەللىك تارىخىنى تاپشۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس ماتېرىياللىرى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياكى كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى 6- 10 نومۇرلۇق كۆزنەككە بېرىپ، ئامبۇلاتورىيەدىكى ئالاھىدە سوزۇلما كېسەللىكلەر يېشىل كارىدورىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۈچ خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى مۇناسىپ ئامبۇلاتورىيەدىكى ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.