تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى ئەڭ يېڭى ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە

  2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا

  يول قاتناش بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن

  شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

   2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، جەمئىي 40 كۈن بولىدىكەن. بۇ مەزگىلدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ بولغاچقا، يول قاتناش ھادىسىسى ئاسان ھەم كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يولۇچىلار سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلىنى ئالدىن تاللاپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلى ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى بولغان يول بۆلەكلىرىدىن مۇۋاپىق ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئېھتىياتچان بولۇپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشى كېرەك.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا

  مۆلچەرلىنىشىچە، 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە

پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن

شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا ھۆل-يېغىن بىرقەدەر كۆپ بولىدىكەن

باشقا جايلاردا ھۆل-يېغىن ئازراق بولىدىكەن ياكى ئاساسەن ھۆل-يېغىن كۆرۈلمەيدىكەن

شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا

تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قار يېغىش ھەمدە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى

تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى، قاتناش-تىرانسىپورتقا

ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىش زۆرۈر

 مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى   

مۇخبىر: جاۋ شۇچېڭ

ئىختىيارىي مۇخبىر: جېڭ لىڭلى


«تىيانشان تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.