تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مۇقەررەر يول. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، «سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە قائىدىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شاڭخەي ـ شېنجېن ـ شياڭگاڭ ئاكسىيە سودا بازىرى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى، شاڭخەي ـ لوندون ئاكسىيە سودا بازىرى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ زايوم سودا بازىرى ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش بازىرى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوزغىتىشتىن چەت ئەل مەبلىغىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش نىسبىتى چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىشكىچە، يەنە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پائال، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 2023 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 52 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 202 بانكا جۇڭگودا ئاپپارات تەسىس قىلدى، چېگرا سىرتىدىكى 1110 ئاپپارات جۇڭگو زايوم بازىرىغا كىرىپ، 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى جۇڭگو زايومىغا ئىگە بولدى. نۆۋەتتە، خەلق پۇلىنىڭ يەرشارىۋى سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى 2 ـ ئورۇنغا ئۆتتى، چېگرا سىرتىدىكى 80 نەچچە مەركىزىي بانكا ياكى پۇل دائىرىلىرى خەلق پۇلىنى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كىرگۈزدى. دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

«رىتىمى ۋە سالمىقىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىگىلەش كېرەك»، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلىپى. ھازىر دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك ئەمەس، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، «پۇل مۇئامىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلىدى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە جەزمەن دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ يۆنىلىش مۇقىم بولۇش، فاڭجېن، سىياسەتلەر مۇقىم بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يەرشارىۋى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجازەتتىن ئىلگىرى دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد ـ سودا كېلىشىمىدىكى پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە ئالاقىدار قائىدىلەرگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئىخچاملاپ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئاشكارىلىقى، مۇقىملىقى ۋە كۆزلىمىلىكلىكىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتىكى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

پۇل مۇئامىلە دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە قائىدىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەيتكەندە، بىز چوقۇم سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە خەلقئارا رىقابەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.