تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى شىنجاڭدا قانۇننى مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇش ۋە مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتتىكى ياخشى تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىش، تۈرلۈك تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 4 - شىسىنىڭ كۆكدالا شەھىرى، 14 - شىسىنىڭ كۇنيۈ شەھىرىگە بېرىپ، نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.

ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا توپلانغان پىكىر، تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئالاقىدار تەۋسىيە مەزمۇنلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا ئېلىپ بېرىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەۋسىيە ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇدى، مۇزاكىرە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.