تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئالايلى، تۈگىتەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى، بولۇپمۇ سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىدا ئاپپارات تۈرى كۆپ بولۇش، ئۇنىۋېرسال تىجارەت كۆلىمى چوڭ بولۇش، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، سودا قېتىم سانى كۆپ، چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى تېز، خەۋپ - خەتەرنىڭ تارقىلىشى تېز، تەسىر دائىرىسى كەڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بولۇپمۇ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ نېگىزلىك ۋەزىپىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىز پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلىدۇق، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىدا چېكىنىش بېسىمى ئېشىپ، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆپىيىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاز بولمىغان خىرىسقا دۇچ كەلدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس، پۇل مۇئامىلىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرى قايتا - قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمىدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك». ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

پۇل مۇئامىلىنى كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرالايدىغان بولۇش پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، رولىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بازار ئىجازىتى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە ئاخىرغىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى كونكرېت بىر ساھەدە پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەشكە قويۇپ، تەۋەلىكىدىكى خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تارماقلىرى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتى بار، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، تېز بولۇش بىلەن مۇقىم بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ئەخلاق جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەۋپ - خەتەرنى بالدۇر پەرقلەندۈرۈپ، بالدۇر سىگنال بېرىپ، بالدۇر ئاشكارىلاپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق چەكلىمىگە ئىگە بولغان پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى دەسلەپكى مەزگىلدە تۈزىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك، نېگىزلىك چوڭ ئىش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەرقانداق بىر خەۋپ - خەتەرگىمۇ سەل قارىماي، ھەرقانداق بىر يوشۇرۇن خەۋپنىمۇ قويۇۋەتمەي، دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.