تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى، دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» «جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا تېز تەرەققىيات ساقلاندى، پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى كۈچەيدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا مەدەت بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى مۇھىم پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ بانكا سىستېمىسى، ئىككىنچى چوڭ سۇغۇرتا، پاي چېكى ۋە زايوم بازىرىغا ئىگە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرىدۇ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭماقتا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان پۇل مۇئامىلىگە بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى.

مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش بەردى: «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسنى ئۇل قىلغان بولۇشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك، يەنى: كۈچلۈك پۇل، كۈچلۈك مەركىزىي بانكا، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كۈچلۈك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.» بۇ، يېڭى مۇساپىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى توغرا تونۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ ئاڭلىق ھەرىكەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

«پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا، باشقا تەپسىلاتلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ئىلمىي، پۇختا بولغان پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە بازار سىستېمىسى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سىستېمىسى، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى، كۆپ خىللاشقان، كەسپىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپىنى، ئەمەلىيەت يولىنى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ياخشى بولغان پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشتىن ـ ئاخىر پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بازار سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قائىدە بىرلىككە كەلگەن، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ماسلاشقان پۇل مۇئامىلە بازىرى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كارخانىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، رولىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە بۇرچ زىممىمىزدە، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.