تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ماڭايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى ھەم زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بايانلىرى مۇپەسسەل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىۋىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى توغرا تونۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى خىزمەت قابىلىيىتى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشنى ۋە ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى. پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، مۇھىم ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتى. بۇ جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى تەستە قولغا كەلگەن، بۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ جاسارەت بىلەن ئاچقان، بۇ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پۇل مۇئامىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلاپ، «بۇ بىرنەچچە نۇقتىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش، ئۇنى قانداق ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ ئاساسىي مەيدانى، نۇقتىئىنەزەرى، ئۇسۇلىنى نامايان قىلىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە» دەپ كۆرسەتتى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلغان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلققە بەخت يارىتىدۇ؛ ئەمەلىي ئىقتىساد پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۇلى، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تومۇرى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش پۇل مۇئامىلىنىڭ بۇرچى. پەقەت پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىۋىلىقى، خەلقچىللىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدى، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەتكە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. پارتىيەمىز جاسارەت بىلەن ئاچقان جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يولنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.» ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە تەپەككۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلە بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

پۇل مۇئامىلە دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.