تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

سۈرەتلىك ھېكايە| شىنجاڭلىق يىگىت تېرە ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىپ چىقتى

 مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىدىكى تېرە رەسىم سەنئەتكارى جېكسىنئېلى ئىشخانىسىدا تېرە رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن فوتوسى ۋە خەۋىرى) ئالتۇن رەڭلىك باش بېزىكى تاقىغان ئىلى ئارغىمىقى، ئوقيا ئېتىۋاتقان قازاق يىگىتى... جېكسىنئېلىنىڭ ئىشخانىسىدىكى نەپىس تېرە رەسىملەر كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.

    جېكسىنئېلى كۈنەس ناھىيەسىدىكى تېرە رەسىم سەنئەتكارى بولۇپ، كىچىكىدىنلا تېرە رەسىملەرگە قىزىقاتتى، 2016-يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تېرە رەسىم ئىجادىيىتى ھۈنىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 2000-يىلى يۇرتى كۈنەس ناھىيەسىگە قايتقاندىن كېيىن، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە يۆلەش تۈرى ئارقىلىق ئىشخانا تەسىس قىلدى. جېكسىنئېلى شۇ جاينىڭ قەدىمكى قىيا تاش رەسىملىرى، ئات مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تېرە رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى. ھازىر جېكسىنئېلى 100 پارچىدىن ئارتۇق تېرە رەسىم ئەسىرى ئىجاد قىلىپ، زاكازلىق سېتىش ئارقىلىق تېرە رەسىمنى بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا ساتتى.

    تېرە رەسىم قوي تېرىسى، ئات تېرىسى، كالا تېرىسىنى رەسىم رەختى قىلىپ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خىل بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى ۋە ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. تېرە رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزگىرىش ئارقىلىق، ھازىرقى تېرە رەسىملەردە قەدىمىي ئۇسلۇب ساقلاپ قېلىنغاندىن سىرت، يەنە ھازىرقى زامان ھۈنەر-سەنئەت ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن. بىر پارچە تېرە رەسىم تېرە تاللاش، سىزىش، رەڭلىك سىزما، شەكىلگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئون نەچچە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە. 

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، جېكسىنئېلى ئىشخانىسىدا تېرە رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر جېكسىنئېلىنىڭ تېرە رەسىم ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

جېكسىنئېلىنىڭ شۇ جايدىكى قىيا تاش رەسىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان تېرە رەسىم ئەسىرى (1-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.